ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى. شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۈچ دوكلاتنىڭ قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلىش قارار لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزاتلار ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزاتلارنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە رەسمىي نامزاتلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ سايلىشىغا سۇنۇش بېكىتىلدى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.