تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلارنى داۋاملىق قاراپ چىقتى.

ۋەكىل گۈلجاينار خۇمار مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، دەل جايىدا خۇلاسىلىنىپتۇ. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقى، يېڭى نەتىجە ياراتقانلىقى، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. دوكلاتتا 2021 - يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان نىشان - ۋەزىپىلەر بېكىتىلدى، بۇ، مۇقەررەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ۋەكىل مەرەمنىسا ھاشىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتى قويۇق بولۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى، دادىللىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. ئاممىنىڭ تەسىراتىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

ۋەكىل ئابدۇراخمان ئوسمان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋەكىل گۈلشەدەم ھاپىز مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى سەپلەردىن، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ۋەكىل ھۆرىيەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋەكىل فېڭ جيې مۇنداق دېدى: بىز ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، جاۋ جىيۈن، شى شىن، ليۇ شياڭ، ياڭ شۇخەن، ليۇ يى يېزىشقا قاتناشقان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى