تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنى ئون تەكلىپنى بېكىتتى

تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىردىن 446نى تاپشۇرۇۋالدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يىغىن ھەيئەت رىياسىتى قارار قىلغان ۋەكىللەر تەكلىپ بېرىش ۋاقتى ئاخىرلاشقىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان كېڭىشىش ئەسلىي تەكلىپىدىن جەمئىي 23نى تاپشۇرۇۋالغان، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئون تەكلىپ ۋەكىللەر تەكلىپى قىلىپ بېكىتىلگەن.

بۇ تەكلىپلەر ئاساسلىقى «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىرىش ھەمدە «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، مۇھىت قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئون تەكلىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە تەۋىسىيە، تەنقىد، پىكىردىن 446سى تاپشۇرۇۋېلىندى. «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى»گە ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە بەرگەن تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرى يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلار يىغىنىدا تەتقىق قىلىپ قارار قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، تەشكىلاتلار ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ بېجىرىشىگە بىرتۇتاش تاپشۇرۇلىدۇ ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى