ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 29 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى(لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)نى بىرتۇتاش قاراپ چىقتى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە نىزام(لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)نى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن نىزام(لايىھە)نى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، تەتقىق قىلىپ قاراپ چىقىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى(لايىھە)غا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.
ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.