تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14- بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى باسقۇچ، يېڭى مۇساپە ئالدىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي سۈرەتلەنگەن، كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت دەل جايىدا تەھلىل قىلىنىپتۇ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەردە مەۋقە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىگە قويۇلۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل مەنزىرە نامايان قىلىنىپتۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىي تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلمىي، پۇختا، سىستېمىلىق، ۋەزىپە ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرېت بوپتۇ. بىز پەقەت ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ياخشى ئورۇندىساق، تەرەققىيات نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتالايمىز.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل بولۇپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. كوردىناتنى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى توغرا تاللاپ، نىشان مەركىزىنى نىشانلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ھەربىر خىزمەت، ھەربىر ۋەزىپە، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ