تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا شىنجاڭ قانداق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا، دۆلەت ئىچى مۇھىتى ۋە ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. يېڭى ئەندىزە يېڭى پىكىر يولى، يېڭى چارە، يېڭى ئىقتىدارغا ئېھتىياجلىق. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، شىنجاڭ قانداق قىلغاندا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا ۋەكىللەر، ئەزالار بۇ توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە يېڭى پۇرسەت مۇجەسسەملىنىش

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە!» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى سۇڭ جيەنخۇا ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىقتىساد ساھەسىدىكى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇش، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش ئاساسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىشىگە ئەگىشىپ، سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئەتنى تېزلىتىش مەزگىلىگە كىردى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشماقتا.

كۈندىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئەزا سۇڭ جيەنخۇا يەنە ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ نىسبەتەن بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلانغانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتىكى ئورنى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن، مەۋقەنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە تىرىكى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش؛ بىر تەرەپتىن «غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تەك رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا پائال قاتنىشىش كېرەك.

كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىش

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، چوقۇم كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك.» ئەزا سۇڭ جيەنخۇا مۇنداق قارىدى: ئالدى بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەۋقە قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەمىنات سىستېمىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى ئەندىزىگە كۈچ قوشۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ھاجىئەكبەر ئەيسا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى، بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى. «بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتى، قىممەتلىك سىياسەت پۇرسىتى ۋە ئالاھىدە تارىخىي پۇرسىتى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مۇقىيات جارمۇقامېت مۇنداق بىلدۈردى: تارباغاتاي مەۋقەنى سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز پىلانلاپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت - ساياھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تارباغاتاينىڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە، ئەزا سۇڭ جيەنخۇا مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ نۇقتىلىق يولغا قويۇشقا بولىدىغان بىر قىسىم مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل قوللاش، يېشىل تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلار.

«كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى كېڭىشىنىڭ مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شەھەر بىلەن يېزىنى باغلاش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى مۇستەھكەملەش، يۈكسەلدۈرۈش ئاساسىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش، يېشىل ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى چوقۇم تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركىتىمىز ئۈچ چوڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرىنچىدىن، دىققەتنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ يېڭى ئېنېرگىيە ۋە پاكىز تېخنىكا، سانائەت ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغداش، بايلىقتىن دەۋرىيلىك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش داۋامىدا زامانىۋى يېشىل كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات ياراتقاندىلا، شىنجاڭ چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى