تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، توك تارقىتىش مىقدارى، پايدىلىنىش نىسبىتى ئۇدا بەش يىل ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ پېيگېن، رەن شيۇمىننىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقى، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى، پايدىلىنىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 35 مىليون 610 مىڭ كىلوۋاتقا، 58 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە، %91.14كە يەتكەن. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇ ئۈچ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا بىردەك ئۇدا بەش يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلۈك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقى 38 مىليون 130 مىڭ كىلوۋات بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە 13 مىليون 620 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئومۇمىي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %10 ئاشقان. يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقىدا شامال ئېلېكتىرى 6 مىليون 640 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى 6 مىليون 980 مىڭ كىلوۋات بولغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق جەمئىي 230 مىليارد كىلوۋات سائەت توك تارقىتىپ، 73 مىليون 600 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى كۆيدۈرۈشنى ئازايتقان، بۇ، 200 مىليون توننا كاربون (IV) ئوكسىدى، 620 مىڭ توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، 540 مىڭ توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا تۈرتكە بولۇپ، سالماقنى زورايتىپ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا شامال ئېلېكتىرىدىن ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش ۋاقتى 605 سائەت كۆپىيىپ، 2176 سائەتكە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.7 ئاشقان؛ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ئوتتۇرىچە پايدىلىنىش ۋاقتى 393 سائەت كۆپىيىپ، 1438 سائەتكە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.6 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى