تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرىمىز

− قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قەشقەردىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. «14 - بەش يىل»غا نەزەر سالغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى رايون ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ؟ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بۇ ھەقتە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭنى زىيارەت قىلدى.

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى» دېدى لى نىڭپىڭ.

«13 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش بولدى، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 71 مىليارد 190 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2019 - يىلىدىكى 104 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.8 ئاشتى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، ساياھەتچىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تىرەك قىلغان كەسىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

«يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر ئالدىدا، 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئورۇندالغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى.» لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى %6.6 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %35 ئاشتى.

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە جەمئىي 1 مىليون 195 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 1543 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، دۆلەت بېكىتكەن 12 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى. 2020 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 11 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %29.4 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

نامرات كەنتلەردە «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش، يەتتە بولۇش»نىڭ ھەممىسى ئۆلچەمگە يەتتى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىندى، ھەر مىللەت ئامما «خەتەرلىك، كونا ئۆي»لەردە ئولتۇرۇش، «قىرتاق، تۇزلۇق سۇ» ئىچىش تارىخى بىلەن خوشلاشتى. «283 مىڭ 300 نامرات ئائىلىدىكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 547 مىڭغا يەتتى» دېدى لى نىڭپىڭ.

بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش رېئاللىققا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز

«تەرەققىيات قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى.» لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەشقەرنى ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرىمىز».

«بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش» ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان قەشقەر ۋىلايىتى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلانغان جايى ۋە بىرىكىش نۇقتىسى. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن دۆلەتنىڭ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا بەرگەن سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قەشقەر سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىرەكلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ياخشى تۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«پورت ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيولدىن ئىبارەت كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى ئالغا سىلجىتىپ، پورت بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، توپلاشقان جايدا پىششىقلاش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ساياھىتى، ئۆتۈشمە بازار سودىسى بىر گەۋدە قىلىنغان پورت ئىقتىساد سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، <يول ئىقتىسادى>دىن <كەسىپ ئىقتىسادى> <پورت ئىقتىسادى>غا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى لى نىڭپىڭ.

خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرىمىز

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇ تەلەپ بويىچە، بىز كەسىپ سېلىنمىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، <بىر ناھىيەدە بىر يېتەكچى كەسىپ بولۇش>تەك كەسىپ تەرەققىيات يولى بويىچە، بازىلارنى زورايتىپ، باشلامچىلارنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى لى نىڭپىڭ.

ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «ئون چوڭ كەسىپ» ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم كەسىپلەر بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولدى، رىقابەت كۈچى ئىنتايىن روشەن، بولۇپمۇ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقى شارائىتى ئۆزگىچە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى روشەن.

«يېشىللاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، كۆلىمى ۋە ماركېتىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ، خاس كەسىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىمىز، زورايتىمىز. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئاقىل(رەقەملىك) يېزا ئىگىلىكى، ئېتىزلارنى يۇقىرى ئۆلچەملىك سۇ تېجەپ سۇغىرىش، بۇغداينى پىششىقلاپ نانغا ئايلاندۇرۇش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى پىلانلاپ قۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز» دېدى لى نىڭپىڭ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى خاس يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆكتاتنى كۆپەيتىش، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، باشلامچى كارخانا قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، ئىنچىكە پىششىقلاش، بازارنى كېڭەيتىش، سۈپەتلىك ماركا يارىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

«خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: زامانىۋى يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يەر ئوبوروتى، مەھسۇلات ئوبوروتى، ئەمگەك كۈچى كاپالىتى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەمىنات سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۈزىدۇ. «بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە خىزمەت ئىستىلى بىلەن، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ، <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلايمىز، ياخشى ئالغا سىلجىتىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى