تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىككى يىغىن ئۆمەك - گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي يىغىن، گۇرۇپپا يىغىنى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسى، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايون خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا يەكۈنلەنگەن نەتىجىلەر كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ؛ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ۋەزىپىلەر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش زىچ چۆرىدىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ يىل مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپتۇ، 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانغا ئوچۇق نەزەر سېلىنىپتۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر، مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ، يۇقىرى يۈكسەكلىككە، يۇقىرى سۈپەتكە، يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە دوكلات بوپتۇ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

تيەن ۋېن قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەزەرىيە تەشۋىقاتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزۈپ»، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىگىلى، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چىياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى، ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تيەن ۋېن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئەزالارنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ئەزالارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ياخشى تەدبىرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى يىفېي خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلاردىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يادرو قوغدالغان، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ چوڭ تاختا شاھمات ۋەزىيىتىدە ئۆز يۆنىلىشى ۋە خىزمەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، كونكرېت سىياسەت، كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى شەكىللەندۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممە ئىشتا ئۈنۈم كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. لى يىفېي يەنە سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

سارقىت ئاقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، «13 - بەش يىل»دىكى خىزمەتلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ قايتا نەزەر سېلىنىپ، «14 - بەش يىل»دىكى نىشان - تەلەپلەر ۋە بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئىلمىي، مۇۋاپىق، نۇقتىلىق، گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش؛ ھازىر دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، پۇرسەتنى ياخشى ئىگىلەپ، تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش؛ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كۈچ قوشۇش.

ياڭ شىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، نىشان ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىلىپتۇ، خىزمەتلەر راستچىل، ئەمەلىيەتچىل ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، مۇقەررەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ساقلاش ۋە قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياڭ شىن يەنە سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

جاڭ چۇنلىن تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، «14 - بەش يىل»لىق ۋە 2021 - يىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، بىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىرادىمىز، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى. دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭ چۇنلىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، توغرا ۋە ئېنىق قاراشلارغا تولغان بولۇپ، ئەزالارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. ئەزالارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشىگە تېخىمۇ ياخشى ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ مىڭشەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى چىڭ كۆزلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، ئىلگىرىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت خۇلاسىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي تەھلىل قىلىنىپتۇ، ۋەزىپىلەر ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋاڭ مىڭشەن يەنە سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى، ئالاھىدە تەكلىپلىك زاتلار ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

(مۇخبىرلار يۈەن لېي، سۈي يۈنيەن، جاۋ جىيۈن، رايىدە، مېھرىگۈل غوپۇر، شى شىن، ليۇ يى، جاڭ يۈنمېي، ۋاڭ نا، چېن چياڭۋېي، لياڭ لىخۇا، يۈ جياڭيەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى