ۋاڭ جۈنجېڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، 2021 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۆزلىمە نىشانى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ. دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشى توغرا، خىزمەت يۆنىلىشى ئېنىق، كونكرېت تەدبىرلىرى ئەمەلىي بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.
ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى، بىڭتۇەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىڭتۇەننىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك. نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش داۋامىدا تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش داۋامىدا خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش داۋامىدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.