تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىيەت تولۇق، دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان، ۋەزىپىلەر ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي، ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ساقلاندى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ھەسسىلەپ قوغداش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بولۇپمۇ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىلىنىڭ خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تېغى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل ئىلى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ