تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا بەش يىلدا تۆت ئايرودۇرۇم يېڭىدىن قۇرۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فۇ شياۋبو، يۈ تاۋ): شىنجاڭدا ھازىرغىچە 22 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلدى. مۇخبىرنىڭ ئېچىلىۋاتقان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن تۆتنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى تىرەك قىلغان «ھاۋا يىپەك يولى»نى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلغان.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان تۆت يېڭى ئايرودۇرۇم پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن باشقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۆت ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئۈرۈمچى ئايروپورتى يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشىمۇ مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى.

  ھەممەيلەن بىلىدىغان قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئەھۋالى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلاندى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كېرىيە خەلقى تەقەززا بولغىلى ئۇزاق بولغان ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ پۈتۈشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشقان، «شۇ جايدىكى پۇقرالار ئەمدى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 200 نەچچە كىلومېتىر يول بېسىپ خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، بۈگۈنكى كۈندە ئىشىكى ئالدىدىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بىر سائەت 55 مىنۇتتىلا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارالايدىغان بولدى».

  دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قولايلىق قاتناشتا يول يۈرۈش باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنىڭ قىزغىن تەقەززاسى بولۇپ كەلگەنىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا، تىرىشىپ «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان پۇقراۋى  ئايرودورۇمنى 15كە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئومۇمىي سانىنى 37گە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى