تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىل، ئەزالار ساداسى丨ياۋ شىنكۈي: ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ماركىسى يارىتىش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى): ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاتچىلىق كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياۋ شىنكۈي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مۇسابىقە پائالىيىتى ماركىسىنى يارىتىش تەكلىپىنى بەردى.

ياۋ شىنكۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدا مول، رەڭدار ئات ئۈستى پائالىيەتلىرى بار بولۇپ، مەسىلەن، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىقلار باشقا رايونلاردىن پەرقلىنىدىغان خاس ئات مەدەنىيىتى شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنى جۇڭگو ئات مەدەنىيىتىدىكى ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان گۆھەر دېيىشكە بولىدىكەن، بۇ كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئات مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرى سىستېمىلىق ئېچىلمىغان، پۈتۈن شىنجاڭدا نەچچە يۈز ئەلئارا «ئوغلاق تارتىشىش» كوماندىسى بار بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقە قائىدىسى يوق، كېڭەيتىشكە پايدىسىز، ماركا شەكىللەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى ئانچە چوڭ ئەمەسكەن.

ياۋ شىنكۈي مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭ «مەملىكەت بويىچە ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى» ۋە «شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى»غا ئاساسەن، جۇڭگو ئاتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مەخسۇس مۇسابىقە ۋە خاس مەدەنىيەت-ساياھەت ماركىسى يارىتىش پائالىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت تەشكىللەش ئارقىلىق، بىرلىككە كەلگەن مۇسابىقە قائىدىسىنى تۈزۈپ، دەرىجىگە ئايرىش يۈرۈشلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ خاس مۇسابىقە پائالىيىتى ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ياۋ شىنكۈي مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئىلى ئېتى، قازاق ئېتى قاتارلىق جايلاردىكى ئات نەسىللىرى ئوغلاق تارتىشىش، ئات توپى قاتارلىق ئات ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. شىنجاڭلىق چەۋەندازلار بۇ خىل تەنھەرىكەتكە ناھايىتى ماھىر بولۇپ، باشقا جايلاردا قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپەيتىش قىيىن بولغان خاس ماركا پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاتلارنى كەسپىي تىزىملاش، چەۋەندازلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاتلارنى مۇسابىقە ئارقىلىق ئەلالىرىنى تاللاش، سۈپەتلىك يېتىشتۈرۈش، چەۋەندازلار يۈرۈشلۈك مۇسابىقە ئارقىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرگەندە، مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەسىر كۈچىگە ئىگە مۇسابىقە پائالىيىتى ماركىسىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئاتلارنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چەۋەندازلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى