
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، كۇچا شەرقىي شەھەر كوچا باشقارمىسى شىيې توقۇمىچىلىق فابرىكىسى يىپ ئېگىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈركىرەپ، نەچچە ئون يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋۇ لې فوتوسى