تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قوش چاقلىق قوزغىتىش تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك ياراتتى

− ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىقنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

«13 - بەش يىل» مەزگىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى قانداق قىلىپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوش چاقلىق قوزغىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرىدۇ؟ مۇخبىر يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىقنى زىيارەت قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە تۈرلۈك ئىشلاردا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

«<13 - بەش يىل> مەزگىلى مەركىزىي شەھەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل.» ياسىن سىدىق مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىگىش ۋە مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل ۋە ئېغىر ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى تۇتۇپ، «ئالتە مەركەز» قۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 233 مىليارد 81 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلى 350 مىليارد يۈەنگە كۆپەيدى؛ شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 43 مىڭ 179 يۈەن، 22 مىڭ 649 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2015 - يىلىدىكىدىن %36.6، %50.9 ئېشىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى ۋە خەلقئارا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سودا مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى»، دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرستىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» ۋە «پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، شەھەر دەرىجىلىك «ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى» بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جولاڭ، كەيۋو، جېڭۋېي قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرلىرىنى كىرگۈزدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋوگزال - بېكەت سۇپىسى ۋە يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى ياراتتى ھەم گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن كېڭەيتىلدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بولۇپ تەستىقلاندى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە تىرىشىپ يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ

ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەركىزىي شەھەر ئىقتىسادىنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭپۇڭ، ماس قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ يۈزلەندۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون ماس تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدىكى مەركىزىي شەھەرلىك مۇھىم رولىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل مەركىزىي شەھەر قۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى پائال بەرپا قىلىنىدۇ

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلانما ئوبوروتى ۋە كەسىپلەرنىڭ باغلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسلاھات چارىسى، بازارلاشقان يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، بازار يېتەكچىلىكىدىكى سېلىنمىنىڭ ئىچكى ئېشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلايدۇ؛ ئېھتىياج ئارقىلىق يېتەكلەش، تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى قوزغىتىدۇ ۋە قويۇپ بېرىدۇ. «ئالاقە تورى +» ئىستېمال ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىپ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ؛ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، «يول ئىقتىسادى»دىن «تۈگۈن ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. مەۋقەنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنلەش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، سودا شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى زورايتىپ، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا بازارلىرىنى كېڭەيتىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى كۆپەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىدىغان يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل