تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش شۇ باسقۇچقا يېتىشىپ بېرىشى كېرەك.» «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرىدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان باسقۇچ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «14 - بەش يىل»نى باشلاشتا، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىلا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتەك سىياسىي جاسارەت بىلەن پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا تەدبىرلىك بولۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولۇش، پارتىيەنى قۇرۇش ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، پارتىيەمىز ئاندىن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇھىم، زور خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، مۇھىم، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى «چىۋىنگە زەربە بېرىش» جەريانىدا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى «14 - بەش يىل» قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئالغان، كەسكىن، مۇقەددەس بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىشنى قەلبكە پۈكۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئەڭ قاتتىق چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، تۈزۈم قەپىسىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، تىرىشىپ سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپلەشكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، جەزمەن ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىش كېرەك. كۈرەش قىلىدىغان «14 - بەش يىل»دا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى مۇساپىدە، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، بىز چوقۇم تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلالايمىز ۋە كاپالەتلىك قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى