ئانار بۇلۇت: نىلقا ناھىيەسى نىلقا بازىرى سار مەھەللە كەنتىدە، 32 ياشلىق غوپۇرجان ئابابەكرى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختايدىغان كالا بېقىش «ماھىرى»، ھازىر ئۇ 100 نەچچە تۇياق كالا بېقىۋاتقان بولۇپ، جاپالىق ئەمگەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

شۇ كۈنى، ئۇ ئىشچىلار بىلەن قوتاندىكى كالىلارغا يەم-خەشەك بېرىش، كالىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش، قوتان تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. غوپۇرجان قوتان ئىچىدىكى بىر كالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇ كالىنىڭ قىممىتىنىڭ 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. غوپۇرجان كالا باققاندىن باشقا، يەنە يەم-خەشەك پىششىقلاش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەتراپتىكى باقمىچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ھازىر دۆلەتنىڭ سىياسىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى، غوپۇرجان كېيىن كۆپرەك پۇل تېپىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بېيىشنى ئويلاشتى.

باقمىچىلىق كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، غوپۇرجان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئۆلچەملەشكەن قوتان سېلىپ، بەش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ما باۋمىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى، ئۇ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە غوپۇرجاننىڭ ئۆيىدە كالا بېقىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمۇ ئون نەچچە تۇياق كالا بېقىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئالاھىدە ئىشەنچى بار بولدى. نىلقا ناھىيەسى سار مەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما باۋمىن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى-ئۈچ يىل بولدى، ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىمەن، بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى رازى بولدۇم، ئىش ھەققىمنىمۇ ۋاقتىدا ئالالايمەن.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، كالا-قوي بورداقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋا باقمىچىلىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىق تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردى.
مەنبە: نىلقا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ مىڭ