تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چاقىلىقتىكى «90-يىللاردا تۇغۇلغان» يىگىت ئويمىچىلىق ئارقىلىق قالتىس ھاياتىنى ياراتتى

«بۇ مەن ياڭاق ياغىچىدىن ياسىغان ياغاچ قاچا، قاچا-قۇچا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ...» يېقىندا، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى «90-يىللاردا تۇغۇلغان» مېيىپ يىگىت جۈمە غوجىمەت ئۆز ئۆيىدە، نەپىس ئويما ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا تونۇشتۇردى.

چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى گۈلباغ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق جۈمە غوجىمەت بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بەش يېشىدا ئۆيىدىكى كىرسىن چىراغ پارتلاپ ئوت كېتىپ، ئۇنىڭ يۈزى ۋە قولى يارىلىنىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى. دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنى بەك كەمسىتەتتى، سىرتقا چىقىشنى خالىمايتتى، ھەتتا سىرتقا چىقىپ دوست تۇتۇشنىمۇ خالىمايتتى، تاكى ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭدا بىرئاز ئۆزگىرىش بولدى.

بىر كۈنى، جۈمەنىڭ دادىسى بىر ياغاچ چىنە سېتىۋالدى، جۈمە بۇ ياغاچ چىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ، ئويمىچىلىقنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ھەر تەرەپتىن ئويمىچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇ بارا-بارا قولىدىكى ئويۇش پىچىقىغا تايىنىپ، ئادەتتىكى ياغاچلارنى باشقىچە جۇلالاندۇردى.

نەچچە يىلدىن بۇيان، جۈمەنىڭ ئەسەرلىرى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى. «دەسلەپتە تېخنىكام ياخشى ئەمەس ئىدى، 2017-يىلى ئۆيىمىزگە بىر ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش كادىرى كەلدى، ئۇ مېنىڭ ئەسىرىمنى كۆرگەندىن كېيىن، كورلىلىق بىر ئويمىچى ئۇستام بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن مەن ياغاچ قىرىش ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى جۈمە.

بۈگۈنكى كۈندە، جۈمە كۈندۈزى باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلىسە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ياغاچ قىرىش ئويمىچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ياغاچ قاچا ياسايدۇ، ئۇ ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدى، «بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىر دۇكان ئېچىپ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىمنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن».

مەنبە: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى