تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەۋزەللىكى. 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ سىياسىي مەسىلە بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتمىغانلىقتىن، پۇختا تۇتمىغانلىقتىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. «تۈپتىن تۈزىگەندە، سىياسەت - پەرمانلار تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىلا تۈزىگەندە، نۇرغۇن يىل ئۆتسىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.» سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىنى تونۇمىغاندا، مەسىلىنى ھەل قىلمىغاندا، باش ئاغرىسا باشنىلا داۋالايدىغان، پۇت ئاغرىسا پۇتنىلا داۋالايدىغان پاسسىپ ۋەزىيەتكە پېتىپ قېلىپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش كېرەك»، «سىياسىي مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش كېرەك.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ تۇتۇپ، روشەن سىياسىي يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئېغىر سىياسىي يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۇلنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئەڭ زور خەۋپ - خەتەر يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك يەنىلا مەۋجۇت، ساقلانما مىقدارى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئېشىش مىقدارى يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى. ئەنئەنىۋى چىرىكلىك بىلەن يېڭى تىپتىكى چىرىكلىك گىرەلىشىپ، خىيانەت قىلىش، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە مۇرەككەپ بولدى. چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن ناتوغرا ئىستىل گىرەلىشىپ، «تۆت خاھىش» چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەگە ئايلاندى. چىرىتىش ۋە چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلساق، ئەجرىمىز يوققا چىقىشى مۇمكىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا تاللاش يوق، جەزمەن قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، چىرىكلىك مەسىلىسى پارتىيەمىزگە ئەڭ زور زىيان يەتكۈزىدۇ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاش پارتىيە رايى، خەلق رايى، پارتىيە ئىچىدە چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى بولۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بۇ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئېسىل ئىستىل ۋە قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشى، جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، «چىرىتىش»، «قورشاپ ئوۋلاش»قا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇز تۇرغاندا، كىچىك ئىشلاردا، باشتىمۇ، ئاخىرىدىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان زېرەك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئائىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاك باشقۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پەقەت داۋاملىشىدۇكى ئاياغلاشمايدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوشاشتۇرماسلىق، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا توختاپ قالماسلىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاشتا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىلا، پارتىيەمىز چوقۇم پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالايدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولالايدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ