تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى −

سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قەتئىي ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جياڭ ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، يىغىن روھىنىڭ ئىلىدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

نىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتتىق بولغان ئاساسىي رىتىم ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى قىلچە بوشاشماي تۈزىتىمىز، تۈزەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دېلولارنى قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى يۈخەي مۇنداق دېدى: قاراپ چىقىش تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ «ئۆتكىلى»، «چىقىش ئېغىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا يەككە دېلولارنى قاراپ چىقىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئىگىلەپ، سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل-ئىسپات ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئىشخانىسى كاتىبات-ھەيدەكچىلىك قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جياڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: «مەن باشتىن-ئاخىر <ئىككىنى قوغداش>نى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنىڭ بېكىتىلگەن ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى كۈچەيتىپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«تەكشۈرۈشنىڭ ماھىيىتى سىياسىي نازارەتچىلىك، دىققەتنى <ئىككىنى قوغداش>قا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.» خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى ۋەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 4-دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى چېن شەنلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەتچىلىك قىلىشنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن سىياسىي نازارەتچىلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ خاسلىقنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ خىزمەت ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىگە داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئامما <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.» خېجىڭ ناھىيەسى ئالغۇ يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى داۋسۇبۇسۇڭ سەيسىكې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىشنى «كىچىك ھوقۇق»نىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىشتىن باشلاشقا كۈچەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل تۈزىتىمىز، تۈزەيمىز.

شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى مېتاللورگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ شيەندې مۇنداق بىلدۈردى: زىممىمىزدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ئورنىغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىسىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چىڭ كۆزلەپ، كارخانىنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە، يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

(مۇخبىر جاۋ جىيۈن، قاتناشقان مۇخبىر شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر شى چيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى