تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى

يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چىقىش قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىشنى يادرو قىلىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئاچقۇچ قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىقارغان نىزاملارنىڭ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىشى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، تەتبىقلىنىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. نىزام چىقىرىشتا خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ نىزام چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشى ۋە نىزام چىقىرىشتا ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىش بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەكلىپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە ئاممىغا يېقىنلىشىش، خەلق رايىنى ئىگىلەش، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈشنى چىڭىتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش، دەل ۋە ئورۇنلۇق بايان قىلىش، دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە تەرتىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نىزام چىقىرىش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىخەنزە داشۆ سىياسىي قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مەسئۇللىرى سىنلىق كۆرۈشۈش شەكلى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، مۇتەللىپ قاسىم، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى