تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلار دەل جايىدا يۆلەندى، ئۈنۈمى كۆزنى چاقناتتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى بولسىمۇ، كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخمۇت مەمەترېھىم بىكار تۇرماي، كەنت تەشكىللىگەن چارۋىچىلىقتا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن «توك قاچىلاش» بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئىلگىرى ئۇ نامرات ئاھالە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەخسۇس كادىرىغا ئايلىنىپ، ئۆزى كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە يۇرتداشلارغا ياردەملىشىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇ تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك كەنتكە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقى تومپىيىپلا قالماي، قارىشىمۇ ئۆزگەردى، تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. يارمەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى مىڭ جىڭلېي مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تارىخىي بۇرچ ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، «دەل جايىدا» بولۇشتىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى تۇتۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلىقنى ئىلمىي تۈگىتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈلۈپ، «تۇنجى تۈگمە» ياخشى ئېتىلدى

دەسلەپتىكى كىچىككىنە سەۋەنلىكتىن، ئاخىرىدا ناھايىتى چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشنىڭ قىممىتى دەل جايىدا بولۇشتا، مۇھىم نۇقتىسى دەل جايىدا بولۇشتا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىمۇ دەل جايىدا بولۇشتا، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ياخشى ئېتىشكە تېگىشلىك «تۇنجى تۈگمە».

چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا بازىرى يار بويى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىن زالىنىڭ تېمىدىكى بىر پارچە ئالاھىدە جەدۋەل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكمۇ تارتاتتى. بۇ جەدۋەلگە ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئورنى، ئىسىم - فامىلىسى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلار يېزىلغان، ھەربىر كەنت ئاھالىسى ئائىلىسىنىڭ بىر ئىككىلىك كودى بار بولۇپ، يان تېلېفون ئارقىلىق سىكاننېرلاپلا بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە كىرىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللىرىنى ئېنىق سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ۋە چەت - ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى ساقلانغان كەنت ئاھالىسىگە قارىتا ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېڭى نامراتلىقنىڭ كېلىپ چىقماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۇچۇر سىستېمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە كەڭ قوللىنىلدى.

2014 - يىلى، بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن نامرات ئاھالىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلار سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۇنجى قېتىم كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2017 - يىلى، ئاپتونوم رايون 220 مىڭغا يېقىن كادىرنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالە ئۇچۇرى ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئائىلىلەردە كارتا بولۇش، كەنتلەردە جەدۋەل بولۇش، يېزىلاردا دەپتەر بولۇش، ناھىيەلەردە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتلەردە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

2020 - يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىش ۋە يېڭى نامراتلىق يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا تايىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشتە «قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل» تۆت خىل رەڭلىك سىگنال چىرىغى ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىپ ئالدىن سىگنال بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، چەت - ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەمدە يۇقۇم ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تېز ئازىيىپ كەتكەن، چىقىمى تېز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنئالا قاراتمىلىقى بار ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى، ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنىڭ پايدىسى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە «كىمنى يۆلەش» مەسىلىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەل قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا باستۇرۇپ سۇغىرىشنىڭ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئۆزگىرىشىگە شارائىت يارىتىلدى.

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش «رېتسېپ»ىنى توغرا يېزىش

تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، چېگرا قوغدىغۇچىسى قىلىش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە دەل جايىدا «رېتسېپ» يېزىپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى.

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە مەن ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغۇن تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.» پەيزاۋات ناھىيەسى غولتوغراق بازىرى توغرا كىسىم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىسمائىل ھېلىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تېرىقچىلىق تېخنىكىمىز ئاجىز بولغاچقا، ئاساسلىق قوغۇن چىقىدىغان رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولساقمۇ، پەيزاۋات قوغۇنى بۇ يەردىكى دېھقانلارنى بېيىتالمىغانىدى.

بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش - ئايلاندۇرالماسلىقتىكى ئاچقۇچ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنىڭ تولۇقلانغان - تولۇقلانمىغانلىقىدا، بۇ يەنە توغرا كىسىم كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دەل جايىدا كۈچەش نۇقتىسى بولدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ باشلامچىلىقىدا، كەنتكە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، كەنتتە پەيزاۋات قوغۇنى سودا بازىرى قۇرۇلۇپ، سودىگەرلەرنى كېلىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى، كەنت يەنە شۇ جايدىكى بىر كارخانا بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، پەيزاۋات قوغۇنى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر بىر - بىرلەپ تولۇقلاندى.

2020 - يىلى، توغرا كىسىم كەنتىدىكى 2600 مودىن ئارتۇق پەيزاۋات قوغۇنىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەيزاۋات قوغۇنى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىش، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، چارۋىچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە چارۋىچىلىق قىلىش، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش، سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلىش، ساياھەتچىلىككە ماس كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تىرەككە ئىگە قىلدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 2109نى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«رېتسېپ»نى توغرا يازغاندىلا ئاندىن «نامراتلىق يىلتىزى»نى يۇلۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈلۈپ ياخشى «رېتسېپ» يېزىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇنۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %32.32كە يەتتى.

دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىش

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايون، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭىش ئەڭ تەس بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق».

باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئالدى.

بىر ئىستاكان پاكىز سۇ ئىلگىرى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىنىڭ 80 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ھىمىت ھەسەن «كۆل سۈيى» «شورلۇق سۇ» ئىچىشتەك جاپالىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھىمىت بوۋاي ئۆيىدىكى سۇ جۈمىكىنى تولغاپ ئاچقىنىدا سۈپسۈزۈك سۇ ئاستا - ئاستا ئېقىپ چىقىپ، ئۇ تاتلىق سۇدا بىر چەينەك خۇش پۇراق چاي قاينىتالايدىغان بولدى، جاپالىق تۇرمۇش ئۈزۈل - كېسىل ئۆتمۈشكە ئايلاندى.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايون پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەستىقلىدى، نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇز تاغ چوققىسىدىكى قار، مۇز سۈيى مۇقىم، ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەنبەسى قىلىنىپ باشلاپ كېلىندى، 2000 كىلومېتىرغا يېقىن قۇرۇلۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن 169 مىڭ 200 نامرات ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، 3666 نامرات كەنتنىڭ يولى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، ئېنېرگىيە توكى يەتكۈزۈلدى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

بىر قاتار كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك قوللاش سىياسەتلىرى ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار يېپيېڭى قىياپەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ چىقماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى