تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىش ئورگىنى، شۇنداقلا قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن تورىنى زىچ توقۇپ، قانۇنچىللىق كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇن - نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى