تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر داغدۇغىلىق تەقدىرلەندى، بۇ، ھاياتى ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلىش، ئىسسىق قېنى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا بولغان ئەڭ ئالىي مۇكاپاتلاش ۋە ئېتىراپ قىلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىغا بولغان يۈكسەك مەدھىيە بولۇپ، مۇقەررەركى بىزنى تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق قىياپەتتە، بوران-چاپقۇنغا قارىماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا: «بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشتا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى» دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىدۇر.

بۇلتۇر يىل بېشىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەندىن تارتىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا قىسمەن يۇقۇم كۆرۈلۈش، تۇرپاندا ئاندا-ساندا يۇقۇم كۆرۈلۈشكىچە، بىز جەڭنى جەڭگە ئۇلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە جاپاغا چىداپ سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ مەيدان مىسلىسىز جاپالىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق كادىر، ئامما مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قەلبداش بولۇپ، مۇستەھكەم ئېتىقاد، كۈچلۈك ئىرادە، ئېگىلمەس-سۇنماس تىرىشچانلىق ئارقىلىق قاتمۇقات سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتتى. تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز چىڭ تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى گەرچە تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدىكى قىسقىغىنا بىر پەيت بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسنىڭ جىسمىدا نامايان بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھايات-ماماتلىق سىناقتا تاۋلىنىپ شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، بىر غەلىبىدىن يەنە بىر غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان مەنىۋى كۈچ. بىز بۇ خىل ئۇلۇغ روھنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ ھەم ئۇنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۇلۇغ روھ ئەزەلدىن ئابستراكت مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان ھەربىر قەھرىماننىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنىڭ ھەممىسى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى ئۈچۈن جانلىق ئىزاھات بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، پۈتۈن جەمئىيەت ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشتەك ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇشتەك دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىدىن ئۆگىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، يەنە سىياسىي ئاڭنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك؛ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ساغلام شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئويمان-دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىش، خەۋپ-خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلىنىش. بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا تاۋلىنىپ چىققان ئۇلۇغ روھتىن تولۇق پايدىلىنىپ، «قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش»تەك كۈرەش قىلىش ھالىتى، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا تىز پۈكمەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى