تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

38 تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شەخسىي داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، بىڭتۇەن داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، بىڭتۇەن مالىيە ئىدارىسى بىرلىكتە «ئۆت راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق 38 تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ھەم ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى تارقىتىپ، ئۆت راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق 38 تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆت راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق 38 تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھا ئۆلچىمى (2017 - يىللىق نۇسخىسى)»دىكى بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، تۈرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى، چىقىمغا چەك قويۇش دائىرىسى، ئۇپرىما ماتېرىيال چىقىم ئۆلچىمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە قاتارلىقلاردىن ھالقىپ كەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدۇ. ھەرقايسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلاردىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى بەلگىلەنگەن چىقىم قىلىش دائىرىسى ۋە ئۇپرىما ماتېرىيال چىقىم ئۆلچىمى ئىچىدە، ئۆز جايىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش سىياسىتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىدىن يېڭىلانغان دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈر مۇندەرىجىسىگە ئېرىشىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ تەمىناتتىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 38 تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرى ئىچىدىكى قىسمەن تۈرلەرگە قارىتا ئۇپرىما ماتېرىيال چىقىم ئۆلچىمىگە چەك قويۇش، چىقىم قىلىش دائىرىسىگە چەك قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، مەسىلەن، «تۇغما داس سۆڭىكى چىقىپ كېتىشنى كېسىپ ئېچىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گىپىس ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرىگە قارىتا چىقىم قىلىش دائىرىسىگە چەك قويغان، «ئوقۇرەك ئاستى ئارتېرىيەسىگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تۈرىدىكى ئۇپرىما ماتېرىيال چىقىم ئۆلچىمىگە چەك قويغان، ھەرقايسى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەننەرخنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا كونترول قىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى