تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسى ياڭرىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

[تەھرىر ئىزاھاتى]

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «100 يىللىق كۈرەش يولى يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» ئىستونىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاۋاب قەغىزى» يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىنى بېرىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدۇ.

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ؛ ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسى ياڭرىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەپ يەتكۈزدى

«ئائىلىمىزدە پەقەت ئىككى كالا ۋە سەككىز قوي بار، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچىكىدىن سىرت، يەنە ئۈچ بالامنى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن، بۇنداق كۈنلەر يەنە قانچە ئۇزاق داۋاملىشاركىن؟» ئىلگىرى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چوڭقۇر، خەتەرلىك جىلغا ئارىسىدا تۇرىدىغان ئابلىمىت ئابلىكىم ھەر قېتىم خوتۇنىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندا، ئۇھ تارتىپ بېشىنى چايقاپ قوياتتى.

2017 - يىلى، دۆلەت شىنجاڭغا 8 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتتى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش رايونى قۇرۇلۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەل جايىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئابلىمىت ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 مىڭدىن كۆپرەك نامرات ئامما كۆچۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتىلدى.

چۆل - جەزىرە ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈمىد شەھىرى قەد كۆتۈردى. ئاقتاش بازىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەلەي زاۋۇتى، ئېلېكتىرون زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، نەچچە مىڭ نامرات ئاممىنى قوبۇل قىلىپ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئابلىمىت شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ كەپشەرچىلىك، توكچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كىنىشكىسى ئالدى. ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدىن خىزمەت تېپىپ، ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 4000 يۈەن كىرىم قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ. سەمىمىي ئارزۇ، چوڭقۇر غەمخورلۇق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئىللىتىپ، غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بەرگەن يۆتكىمە چىقىم 263 مىليارد 690 مىليون يۈەندىن 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.4 ئاشتى، ئالتە يىلدا شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك مەدەت بەردى، مەبلەغ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ ئالغا سىلجىتتى. 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر تۇپراقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.

كەسىپلەرنى يۆلەش، زورايتىش يېزا - كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقتى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئۆزگەردى، كۈنلەر تېخىمۇ ياخشىلاندى. قىش كۈنلىرىدىكى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى تۆۋەن يارباغ كەنتىدە، كەنت بېشىدىكى پەلەي زاۋۇتىدىن كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

نۇرئەلاگۈل تۇرغۇن زاۋۇتتا بىر گۇرۇپپا باشلىقى. زاۋۇت قۇرۇلغاندىلا، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەن، ئايلىق مائاشى 2500 يۈەن بولۇپ، ھەر يىلى يەنە ئۆسۈۋاتىدۇ. «ھازىر كىرىمىم ناھايىتى مۇقىم، كۈنلىرىمنى ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتىمەن» دېدى ئۇ.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئۇزاققىچە يۆلەش كېرەك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ كەسىپتە. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق چىقىش يولىغا ئايلاندى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەسىپلەر كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلدى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇردى ھەم قوشۇلما قىممەت بېجىنى قايتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، توشۇش ھەققى ياردەم تولۇقلىمىسى، توك باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2023 - يىلىغىچە ئۇزارتىلدى ھەم ئېتىبار بېرىش دائىرىسى باشقا ئالاقىدار ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگىچە كېڭەيتىلدى.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدىلا جەمئىي 170 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى تاماملاندى، 2200دىن كۆپرەك توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى يېڭىدىن كۆپەيدى، جەمئىي 450 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

كەسىپلەر تەرەققىياتى شەكىللەندۈرگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان «قان ئىشلەش» مېخانىزمى ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، شىنجاڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بار بارلىق نامرات ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ماھارىتى بولۇش، قىلىدىغانغا ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئاساسى بولۇپ قالدى.

خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر تېز ئەمەلىيلەشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ھەرقايسى ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى، يېزىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچىدى.

2020 - يىلى تۆۋەن يارباغ كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 11 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2019 - يىلىدىكىدىن 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

قورغاننى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش تارىخىي جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى

مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى ماكرولۇق قاتلامدىن نامرات رايونلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى تولۇق توپلىدى.

ھەرقايسى جايلار «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «نامراتلىق قورغانلىرى»نى ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم بىلەن ئالدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىپ، جەمئىي 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن 170 مىڭغا يېقىن نامرات ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

2020 - يىلى 6 - ئايدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈشكە ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇس «خاتىرجەم سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات نوپۇس قىرتاق، تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، ئېنېرگىيە توكى يەتكۈزۈلدى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، شۇنداقلا ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، ئايروپىلانلار كۆكتە ئۇچماقتا، ئاپتوموبىللار تاغ - جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتمەكتە، شەھەرلەر يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا، يېزا - كەنتلەر سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرمەكتە... «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق بىلەن پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى