تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر شىنجاڭدا 6 مىليون 216 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى (قېتىم) ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇلتۇر، شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 8 مىليارد 93 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، 6 مىليون 216 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى (قېتىم)گە نەپ يەتكۈزگەن.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەركىزى مەبلەغنى ئالدىن ئاجرىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تولۇق قاپلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم تۈرى ۋە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش» كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى شەكىللىنىپ، مائارىپ باسقۇچلىرىنى تولۇق قاپلاش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت «ئۈچنى تولۇق قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپى بويىچە، بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن قاتارلىق ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىپ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى