تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل يېزا ئىگىلىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈردى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان ⑤

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ياز پەسلىدىكى پايانسىز ئالتۇن رەڭ بۇغدايلىقلاردىن كۈز پەسلىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئاپئاق كېۋەزلىكلەرگىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى بىپايان ئېتىزلار مول ھوسۇل ئۈمىدىگە تولۇپ، بىر مەيدان يېشىل ئۆزگىرىشنى نامايان قىلماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى يېشىل تەرەققىياتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى ئاساسلىقى بايلىققا چېتىپ قويۇش، خورىتىشقا چېتىپ قويۇشقا تايىنىشنى تەدرىجىي ھالدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى بارغانسېرى ئازايتتى، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسى بارغانسېرى روشەنلەشتى، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۈنۈم ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل گۈللەندۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەنمەكتە.

يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئومۇملاشتى

يېشىل يېزا ئىگىلىكى، ساغلام يېمەكلىكلەر ئىستېمالچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە قويۇلغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ. بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل بولۇش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاساسلىق ئېقىمغا ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ھازىر پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا كۆلەملىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دورا چېچىش قېتىم سانى ئازايدى، پاختا ھوسۇلى تېخىمۇ ئاشتى.» مارالبېشى ناھىيەسى چۇڭقۇچاق يېزىسى ئاقتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخسۇم ئابلەتنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېرى بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇ تېجەپ سۇغىرىش، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلىپ، پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىلگىرىكى 200 كىلوگىرامدىن 380 كىلوگىرامغا يەتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشتە يېشىل بولۇشنى پائال تەلەپ قىلدى. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ زىيىنىنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش ئارقىلىق، زىرائەتلەردىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكىسى كېڭەيتىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ زىيىنىنى تىزگىنلەش، يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 400دىن كۆپرەكى قۇرۇلۇپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش كۆلىمى 12 مىليون مودىن ئاشتى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتتى، دورا ئىشلىتىش قېتىم سانى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەمسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى قاتارلىق «ئالىي، سەرخىل، قابىل» ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۈسكۈنىلىرى كىچىك تىپتىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك دورا چېچىش ماشىنىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەمسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسىنىڭ ساقلانما مىقدارى 2800دىن ئېشىپ، مەشغۇلات كۆلىمى 26 مىليون موغا يەتتى، قوللىنىلىش دائىرىسى ئاشلىقتىن مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق كۆپ خىل زىرائەتكە كېڭەيدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى قوغداشنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئوكسىگېنلىق يىغىپ تەييارلاش قاتارلىق تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا تەركىبىنى ئاشۇرۇش ۋە يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇتتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلاش ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى 59 مىليون 425 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %2.76 ئاشقان، 3 مىليون 324 مىڭ مو يەردە يېشىل ئوغۇت بىلەن تېرىقچىلىق قىلىنىپ، نامۇۋاپىق ئوغۇتلاش ھادىسىلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %30تىن كۆپرەككە يەتكەن، كەسىپلەشكەن بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38تىن كۆپرەككە يەتكەن. تېرىقچىلىقتا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىدا ئۇدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن، يېزىلارنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن.

ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش تۈزەلدى

2020-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 26 يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا مۇقىم تۇردى، سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىلىق ئورنى سىجىل مۇستەھكەملەندى.

پاختىچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بىلەن بىللە، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان سولياۋ يوپۇقمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش تېخنىكىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختىچىلىق كەسپىدە سىجىل يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن سولياۋ يوپۇق قالدۇقىدىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋاقتىدا يىغىۋېلىنمىغان سولياۋ يوپۇق پارچىلىرى مۇھىتنى ئېغىر بۇلغاپلا قالماي، يەنە تۇپراق قۇرۇلمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىقىرىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان، ئىشلىتىلگەن دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سولياۋ يوپۇقتا جەزمەن مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك يەرلىك ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىش بەلگىلىنىپ، لاياقەتسىز سولياۋ يوپۇقلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىدىكى ساختىلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى سولياۋ يوپۇقنى باشقۇرۇش خىزمىتى قانۇنچىللىشىش ئىزىغا سېلىندى.

مۇشۇ ئاساستا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەش خىزمىتى سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى سولياۋ يوپۇقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە سولياۋ يوپۇقنىڭ ئورنىغا باشقىنى دەسسىتىش تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەجرىبە قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سولياۋ يوپۇقنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. 2020-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سولياۋ يوپۇق يېپىلغان كۆلەم 2017-يىلىدىكىدىن 3 مىليون موغا يېقىن ئازايدى.

كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش خىزمىتىمۇ تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 40 ناھىيەنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى سىجىل قوللىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش تۈرىگە تايىنىپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى گۆھەرگە ئايلاندۇردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن 90دىن كۆپرەكى، يىغىۋېلىش تور نۇقتىسىدىن 700دىن كۆپرەكى، تۈرلۈك يىغىۋېلىش ماشىنىسىدىن 17 مىڭدىن كۆپرەكى بار ئىكەن.

«بۇ يىل بىز 300 توننا كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋالدۇق، پىششىقلاش ئارقىلىق كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقتىن قايتا پايدىلىنىمىز.» ساۋەن ناھىيەسى داچۇەن يېزىسى چاڭفېڭ سولياۋ بۇيۇملار زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جياڭئېن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز مەخسۇس كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى پىششىقلاش ئۈسكۈنىسى زاكاز قىلدى، بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇقنى قايتىدىن سولياۋ دانچە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىش بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايون(يەرلىك)نىڭ سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىش مىقدارى 160 مىڭ توننىغا يەتكەن، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، 121 مىڭ 300 توننا كېرەكسىز، كونا سولياۋ يوپۇق يىغىۋېلىنىپ، سولياۋ يوپۇقنىڭ يىغىۋېلىنىش نىسبىتى %75.8كە يەتكەن، بۇ يىل ئەتىيازدا سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، 2020-يىللىق سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

تۇرمۇش مۇھىتى گۈزەللەشتى

يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىش بىلەن بىللە، ئىلمىي، ساغلام تۇرمۇش شەكلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا تېز ئومۇملاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاكىز ھاجەتخانىلار تېزلىكتە سېلىندى، پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئەخلەت، يۇندىنى تۈزەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇپ، قاتار-قاتار گۈزەل كەنتلەر «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ساقلاپ قېلىنغان، يۇرتنى سېغىندۇرىدىغان» ياخشى جايغا ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتلەر ئىشنى دېھقانلار ئۆزلىرى قول سېلىپ قىلالايدىغان، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئاسان ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان كەنت مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشتىن باشلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈپ، كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتتى.

«ئىلگىرى، كەنت يوللىرى توپا يول ئىدى، ھەم تار ھەم مېڭىش تەس ئىدى، ھازىر كەنت يوللىرى ئاسفالتلاشتى، كەڭ ھەم پاكىز. كەنت مۇھىتى ياخشىلاندى، بىز دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق» دېدى لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسى كۇچا ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل مەمەت. بۈگۈنكى كۈندە، كۇچا ئېرىق كەنتى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكى ۋە يېپيېڭى كەنت قىياپىتىگە تايىنىپ، لوپ ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ شەھەر ئەتراپى ساياھىتىدىكى قارشى ئېلىنىدىغان جايغا ئايلاندى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، جەمئىي 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئەخلەت تازىلانغان، 110 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېرىق-ئۆستەڭ تازىلانغان، 6 مىليون توننىدىن ئارتۇق تۈرلۈك تاشلاندۇق، 440 مىڭ جايدىكى تاشلاندۇق تام-كېسەك تازىلانغان، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دېھقانلارغا سەھىيە-ساغلاملىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈردى.

ھازىر، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، كەنت قىياپىتى ياخشىلىنىش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، يېزا مۇھىتى تاشقى گۈزەللىكتىن ئىچكى گۈزەللىككە، سىجىل گۈزەللىككە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى