تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمىتى ئىشىك ئالدىغىچە كەلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن

يان تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىپلا، داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نومۇرىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ ئىشىك ئالدىدىلا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سەھىيە ئاپپاراتلىرى بار؛ تومۇر تۇتۇپ دورا بەرگەندىن كېيىن، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى ۋاكالىتەن قاينىتىپ ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ... «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا قولاي، ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئامما جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمىتىدىن مەنپەئەتلەندى

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش ئۆيىدىكى جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكلىرى ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئالدىن كېلىشىپ قويغان كەنت ئاھالىلىرى يىڭنە سانجىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇش، ئەمەن بىلەن داغلاش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتىنىڭ خاس داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى.

جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكى رۇقىيە مۇتەللىپ كەنت ئاھالىسى ئابلىز ئىمىننىڭ پەللىلىرىنى ئۇۋۇلىغاچ، ئۇنىڭ بىلىكىنى كۆتۈرۈپ ئاستا-ئاستا ئايلاندۇردى. «بىر يىلنىڭ ئالدىدا، قولۇمنى مۈرەمدىن ئېگىز كۆتۈرەلمەيتتىم، ھەتتا تاماق يېيىشىممۇ مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ئالدىنقى مەزگىلدە، بۇ دوختۇرخانىدىمۇ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە فىزىكىلىق داۋالاش تۈرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ سىناپ باققىلى كەلگەنىدىم.» ئابلىز ئورنىدىن تۇرۇپ بىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرگىنىچە مۇنداق دېدى: «قاراڭ، ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ئىش قىلىشىمدا چاتاق يوق».

«ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمىتىگە ئېھتىياجلىق.» قوشتاغ بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ ئىجرائىيە دوختۇرخانا باشلىقى ئابلاجان ھۈسەن مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانىمىزدا ھازىر بەش جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكى بار، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئۇۋۇلاش، لوڭقا قويۇش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى بويىچە جۇڭيى تېبابىتى فىزىكىلىق داۋالاش ئۆيى تەسىس قىلدۇق، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئەڭ ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىمكانقەدەر ئاز خىراجەت بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى جۇڭيى تېبابىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «13-بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش رايونى(جۇڭيى تېبابىتى سارىيى)دىن جەمئىي 958ى قۇرۇلدى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %80تىن ئارتۇق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېز-بازارلىق دوختۇرخانا ۋە %60تىن ئارتۇق كەنت داۋالاش ئۆيى ئالتە خىلدىن ئارتۇق جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى بويىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرالايدىغان بولدى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇملىشىشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى چۈشەندى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىدىن مەنپەئەتلەندى».

«ئاستا داۋالايدىغان تېۋىپ» يۇقۇمغا قارشى جەڭدىكى «ئەڭ جىددىي ئاۋانگارت»قا ئايلاندى

گەرچە بارغانسېرى كۆپ كىشى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كېسەل كۆرسىتىشنى، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى يېيىشنى خالىسىمۇ، لېكىن جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى ھامان «ئاستا داۋا قىلىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئازراقمۇ ئاستا بولمىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن نەپەس ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى فېڭسېن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە پۈتۈن جەريان بويىچە قاتناشتى. بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇننىڭ كېسىلى قايتا-قايتا قوزغالدى، لى فېڭسېن جۇڭيى تېبابىتى دورىسى رېتسېپى يېزىپ بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملىشىپ، ئاخىرىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشتۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى. قۇتقۇزۇش-داۋلاش مەزگىلىدە، ئۇ جەمئىي 2000دىن ئارتۇق جۇڭيى تېبابىتى دورىسى رېتسېپى يازدى ھەم جىددىي مەزگىل، ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى ھەم ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىگە قارىتا ئۇنىۋېرسال رېتسېپتىن ئۈچنى تۈزۈپ بېكىتتى، بۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

«كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تولۇق كۆزىتىپ توغرا دىياگنوز قويغاندىن كېيىن داۋالاش» جۇڭيى تېبابىتىنىڭ جېنى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلاردا دائىم دەم سىقىلىش، يۈرەك سېلىش، ئاشقازان كۆپۈشتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىلىرىدىكى دوختۇر-سېسترالار يىڭنە سانجىش، ئەمەن بىلەن داغلاش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتا قوللىنىپ، ئاغرىقلارغا پەللىنى بېسىش تېخنىكىسى ۋە سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا قاتارلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئۇسۇللىرىنى قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتتى.

«كېسەل قوزغىلىش نىسبىتى، ئېغىر كېسەلگە ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، نوكلېئىك كىسلاتانىڭ مەنپىيگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى... جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ماختاشقا ئەرزىيدۇ.» لى فېڭسېن مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، جۇڭيى تېبابىتى ھېچقاچان كەم قالمىدى، بەلكى چوڭقۇر قاتناشتۇرۇلۇپ، كەڭ دائىرىدە قوللىنىلدى. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىنىپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىلىپ، «2<1+1» بولۇش ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلدى».

ۋارىسلىق قىلىنىپ، تالانت ئىگىلىرى يېتىشتۈرۈلدى

1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى دىياگنوز قويۇش ئۆيىدە، ۋاڭ جياپىڭ تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، ئەستايىدىل رېتسېپ يېزىپ، ئاغرىقلارغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «80-يىللاردا تۇغۇلغان» جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى ۋاڭ جياپىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ 1-نومۇرلۇق كەم تېپىلىدىغان مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى.

ياش ماگىستىر يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جياپىڭ بۇلتۇر بىر ئاسپىرانتنى ۋە «ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش» شەكلىدە بىر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتى جاۋ شىجيې 2014-يىلى بېيجىڭدىكى بىر تېببىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن غەرب تېبابىتى دوختۇرى. «يېرىم يىلدىن بۇيان، مەن مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈپ، ئاغرىق مىساللىرىنى تەھلىل قىلىپ، تاپشۇرۇق ۋە تېمىنى تاماملاپ كۆپ نەپكە ئېرىشتىم» دېدى جاۋ شىجيې.

«جۇڭيى تېبابىتى تەجرىبە پېنى، ئاغزاكى ئۆگىتىش، قېتىرقىنىپ تەلىم بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.» ۋاڭ جياپىڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭيى تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىش ئاچقۇچ، ياش جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرى يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشى، بولۇپمۇ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»نى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

«مۇشۇ يىللار شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىگەن تەرەققىيات مەزگىلى، شۇنداقلا جۇڭيى تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى.» مەملىكەت بويىچە داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ مىڭشىن مۇنداق قارىدى: داڭلىق دوختۇر ئۆزى مۇنەۋۋەر بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر قوشۇننى يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. مۇشۇ يىللاردا ئۇ تەربىيەلىگەن دوكتورئاشتى، دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانت، شاگىرت 74كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى ئىلىم تايانچلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندى.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە داڭلىق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى جوۋ مىڭشىن ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇلدى ھەم نۇرغۇن جايدا خىزمەت پونكىتى قۇرۇلدى، جوۋ مىڭشىن كوللېكتىپى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز بېرىپ كېسەل كۆرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە مەكتەپ مائارىپى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى تەربىيە، داۋاملىق تەربىيەدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۇستاز مائارىپى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. گو ۋېيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاساسىي قاتلام جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭيى تېبابىتى تۈرى بويىچە يېزىلارغا تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى زاكازلىق، نىشانلىق ھالدا ھەقسىز يېتىشتۈرۈپ بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يېزىلارنىڭ داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان، تۇرۇپ قالىدىغان» بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ