تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقدالا بازىرىدىكىلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇشى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ چۇنخۇا

زىمىستان قىشتا، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاقدالا بازىرىغا بارغىنىمىزدا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تەربىيەلەش نەق مەيدانى، ياپيېشىل كۆكتات پارنىكى، روشەن خاسلىققا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇ قىشتىكى كىچىك بازارنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغانىدى.

«ماھارەت ئۆگەنگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى <تۆمۈر تاۋاق>» دېدى ئاقدالا بازىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا كۇرسانتلار ۋەكىلى، بېيىش ماھىرى ئايۇپخان كەنجى.

ھەر يىلى قىش، ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىقتىن بوشىغان مەزگىلدە، ئاقدالا بازىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، باقمىچىلىق، توكچىلىق، كۈرەكلىك ماشىنا ھەيدەش، ئاشپەزلىك، كەشتىچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەشلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ئۆتكۈزدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قاتناشقانلار 53 مىڭ ئادەم قېتىمغا، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشقانلار 810 ئادەم قېتىمغا يەتتى. تەربىيەلەش ئارقىلىق نۆۋەتتە 98 ئادەم توكچىلىق، كەپشەرچىلىك، كۈرەكلىك ماشىنا ۋە قېزىش ماشىنىسى ھەيدەش، ئۆي بېزەش، سۇ، توك، پار ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، 79 ئادەم ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاشخانا، ئۇن تائاملىرى دۇكىنى، تاللا بازار، ساتىراشخانا، كەشتىچىلىك دۇكىنى تىجارىتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللاندى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاقدالا بازىرى تىنچلىق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى دۇكەي قايىبار كالا - قوي قوتىنى تەرەپكە مېڭىپ بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقىنى باشلىدى. ھازىر ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى دۇكەينى بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان «زامانىۋى چارۋىچى» دېيىشىدۇ.

50 ياشلىق دۇكەي ئىلگىرى چىڭگىل ناھىيەسى سار توقاي يېزىسى قارا شورا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىسىدە تۆت جان بار، ئۇنىڭ ئائىلىسى 2014 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2016 - يىلى، دۇكەينىڭ ئائىلىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان ئاقدالا بازىرىغا كۆچۈرۈلۈپ، 76 كىۋادرات مېتىرلىق خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇنىڭغا يەنە 40 مو يەر ۋە 200 كىۋادرات مېتىرلىق مال باقمىچىلىقى قوتىنى تەقسىم قىلىندى.

ئاقدالا بازىرى 36 ئاھالىنىڭ باقمىچىلىق قوتىنىنى ئالتە باقمىچىلىق كىچىك رايونى قىلىپ پىلانلاپ، يەم - خەشەك ئامبىرى، دورىلىق يۇيۇش كۆلچىكى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇردى، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ باقمىچىلىق كىچىك رايونىنى تەقسىملەش، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، چارۋا باقمىچىلىقى جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 235 ئاھالىنى پاي قوشۇپ ئىشلەشكە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتا «قانات»قا ئىگە قىلدى.

باقمىچىلىق بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق ماھارەتكە ئېرىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دۇكەي مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن 30 كالا ۋە 20 قوي بېقىۋاتىمەن، ھەر كۈنى سۈت ساتىمەن، بۇنىڭغا كالا - قويلارنى سېتىپ قىلغان كىرىمىمنى قوشقاندا، ھەر يىلى باقمىچىلىقتىنلا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەرنى ھۆددىگە بەرگەن 13 مىڭ 800 يۈەن كىرىمىم بار».

كەنت ئاھالىسى باقىتگۈل مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۆيى شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى. ھەر قېتىملىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانى باشلانغان كۈنى، باقىتگۈل خاقان ئائىلىسىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسى مېھمانلار بىلەن لىق تولىدۇ. باقىتگۈلنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىدا جەمئىي 11 كارىۋات بار، پاكىز ۋە رەتلىك بولغاچقا، مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا باقىتگۈل يەنە قازاق مىللىتىنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ ساتىدۇ.

«بىز كۆپچىلىكنى پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خاس دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى ئاقدالا بازىرى تىنچلىق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر قادىلقان.

ئاقدالا بازىرىدا زامانىۋى باقمىچىلىق، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 2016 - يىلىدىكى 4220 يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 11 مىڭ 800 يۈەنگە ئاشۇرۇپ، ئۈمىدكە تولغان زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى