تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئاقىل مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستى

كۆرگىلى بولۇش چاقىرغىلى بولۇش تۇتاشتۇرغىلى بولۇش

شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئاقىل مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «2020 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاقىل ساياھىتى تېز تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى، شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى، <شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش> سۇپىسىنى يادرو قىلغان <بىر مەركەز، ئىككى سۇپا> رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە ئالاقىدار تىجارەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى. نۆۋەتتە، بىز <كۆرگىلى بولۇش، چاقىرغىلى بولۇش، تۇتاشتۇرغىلى بولۇش، باشقۇرغىلى بولۇش> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەت تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى مېڭ تونۇشتۇرۇپ.

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قوماندانلىق قىلىش سۇپىسىغا كىرسىڭىز، ئۇدۇل تەرەپتە ئېلېكتىرونلۇق كۆرسىتىش چوڭ ئېكرانى بار، ئۇنىڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنى چەككەندە، بۇ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ساياھەتچىلەر ئېقىمى، ساياھەتچىلەر سانى ھەمدە توردا باھالاش، ئەرز قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ.

ھازىر، شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ساياھەتكە ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاش مەركىزىگە ئايلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ساياھەتكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرى، قاتناش - تىرانسپورت، ھاۋا رايى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي مەيدان - ساراي ئۇچۇرلىرى، ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، ئەرز سانلىق مەلۇماتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلىنىدۇ، كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان سانلىق مەلۇمات مىقدارى 55 مىليونغا يېتىپ، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى يەنە ئۆلچەملەشكەن سانلىق مەلۇمات ئۇلاش ئېغىزى قالدۇرغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى زور سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ ساياھەت كەسپىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى، ئاممىۋى پىكىرنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ساياھەت كەسپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ساياھەت ئەرزلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق ئون فۇنكسىيەلىك بۆلەك قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى، ئىشىك بېلىتى ئىشلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەدرىجىي ئۇلاپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى، بولۇپمۇ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى ۋە تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئاقىللاشقان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى دۆلەتنىڭ ئون تارمىقى بىرلىشىپ تارقاتقان «<ئالاقە تورى+ساياھەت>نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالاقە تورى+ساياھەت» تەرەققىيات مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاقىل ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ساياھەت ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، توردىكى ساياھەت تىجارەت - سودا سالمىقىنى زورايتىش، ساياھەتچىلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، ساياھەتچىلىكنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەتچىلىكتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش، ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى