تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تۇرالغۇ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.

ئاپتونوم رايونىمىز تۇرالغۇ توغرىسىدىكى تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ. تۇرالغۇ بازىرى ۋە تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىننىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۆينى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئالدۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان ئۆي - زېمىن بازىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەر قىياپىتىنى يارىتىپ، شەھەر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بىخەتەر، ساغلام، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، باشقۇرۇشى تەرتىپلىك بولغان مۇكەممەل تۇرالغۇ مەھەللىلىرىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ناھىيە بازىرى ھەم چېگرا بويىدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى نۇقتىلىق تولۇقلاپ، شەھەر - بازارلارنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ بۇلۇت شەھەر قۇرۇپ، شەھەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەي چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ناھىيەلەرنىڭ نۇقتىلىق بازار قۇرۇلۇشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كىچىك شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ. يېشىل دېھقان ئۆيلىرىنى سېلىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ بىخەتەر تۇرالغۇ كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى