تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، زۇمرەتتەك سۇلار توختىماي ئاقتى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاق قۇلار كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسىدا ئەركىن ئۈزمەكتە. (چۆ. خورە فوتوسى)

گۈزەل ئۇلۇنگۇر كۆلى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى، سايرام كۆلى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىردى، تارىم دەرياسى بويىدىكى يېشىل ئورمانلار باراقسان ئۆستى... ھەرقايسى جايلاردا دەريا-كۆللەرنى تۈزەش زۇمرەتتەك سۇلارنىڭ توختىماي ئېقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن ئىبارەت ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنىڭ بايلىقتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى تېزلەتتى.

شىنجاڭ دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، تۈزۈم ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئۆزگەردى، سىستېمىلىق تۈزەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان بىر تۈركۈم بەخت دەريا-كۆللىرى بەرپا قىلىندى، دەريا-كۆل بويىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سانجى شەھىرى تۇدۇڭخې دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىغا جايلاشقان مەدەنىيەت باغچىسىدا، خېلى كۆپ ئاھالە سەيلە قىلىۋاتقان، چېنىقىۋاتقانىدى. تۇدۇڭخې دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش تۇدۇڭخې دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن قىرغاقتىكى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

تۇدۇڭخې دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى، بىڭتۇەن 12-شىسى ۋە سانجى شەھىرىنىڭ مەمۇرىي چېگرا دەرياسى. «ئىلگىرى دەريا يولىنى باشقۇرۇش بىرقەدەر قىيىن ئىدى.» تۇدۇڭخې دەرياسى دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «تۇدۇڭخې دەرياسى رايونى كەڭ، قىرغاق لىنىيەسى ئۇزۇن، ئىككى قىرغاق ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەرلىك ۋە بىڭتۇەننىڭ كۆپلىگەن مەمۇرىي رايونىغا تەۋە، دەرياغا چېتىشلىق ئىشلارنى باشقۇرۇش نۇرغۇن تارماققا چېتىلىدۇ، باش بولۇپ مەسئۇل بولىدىغان ئورۇن بولمىسا، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زورىيىپ كېتىدۇ».

«دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دەريا باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، <ئالاھىدە ھوقۇقى> بار بولدى، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش كۆپ ئاسانلاشتى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخىمۇ تېز، دەل جايىدا بولدى. ھازىر تۇدۇڭخې دەرياسى ئېقىنى راۋانلىشىپ، سۈيى سۈزۈلۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ بەخت دەرياسىغا ئايلاندى» دېدى ليۇ چياڭ.

2017-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان، ماس، تەرتىپلىك، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشى قاتتىق، قوغداش كۈچلۈك بولغان دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 3355 دەريا ئېقىنى، 121 كۆل دەرىجىگە، بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ، دەريا باشلىقى، دەريا بۆلىكى باشلىقى، كۆل باشلىقى، كۆل بۆلىكى باشلىقى تەسىس قىلىندى. دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى يەنە سۈنئىي كۆل ۋە سۇ ئامبىرىغىچە ئۇزارتىلدى، 11 سۇ رايونىدىكى كۆلىمى بىر كىۋادرات كىلومېتىردىن تۆۋەن تەبىئىي كۆل ھەم 56 سۈنئىي كۆل، 676 سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆل باشلىقى، ئامبار باشلىقى تەسىس قىلىندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ-كىچىك دەريا-كۆللەرنىڭ ئېنىق قوغدىغۇچىسى بار بولدى. 2018-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك 15 مىڭ 789 دەريا-كۆل باشلىقى جەمئىي 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دەريا - كۆللەردىكى زور بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دەريا-كۆللەرنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«تارقاق تۈزەش»تىن «سىستېمىلىق تۈزەش»كىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى دەريا-كۆل سۇ سىستېمىلىرىدىن كەينى-كەينىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى كەلدى، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 73 ئاساسلىق دەريا ئېقىنىنىڭ 173 نۇقتىلىق دەريا بۆلىكىدىكى سۇ سۈپىتى كۆزىتىپ ئۆلچىنىپ باھالاپ چىقىلدى، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 16 مىڭ 300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئومۇمىي دەريا لىنىيەسىدەⅠدىن Ⅲكىچە بولغان سۇ سۈپىتى %99.4نى ئىگىلىگەن، دۆلەت تەكشۈرۈپ باھالىغان 72 مۇھىم سۇ فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %98.6 بولغان.

نامىمۇ، ئەمەلىي ھوقۇقىمۇ بار بولدى دەريا-كۆللەرنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

دەريا-كۆل باشلىقى قانداق قىلغاندا «نامى بولۇش»تىن «ئەمەلىي ھوقۇقى بولۇش»قا يۈزلىنەلەيدۇ؟ دەل جايىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ دەريا-كۆللەرنى تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، دەريا-كۆل تىزىملىكى، دەريا-كۆل باشلىقلىرى تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېگى-تەكتى ئېنىق بولۇش، ئەھۋال ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە ھەر دەرىجىلىك دەريا-كۆللەرگە قارىتا «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» «بىر كۆلگە بىر تەدبىر» لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، دەريا-كۆللەرنىڭ «سالامەتلىك»ىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەريا-كۆللەردىكى مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دەريا-كۆللەرنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

«ئىلگىرىكى دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش ھەربىر بۆلەك دەريا، ھەربىر كۆلگىچە كونكرېت باشقۇرۇشتا بولدى» دەپ تونۇشتۇردى ئاپتونوم رايونلۇق دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ.

دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەريا-كۆل، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كىچىك ئېقىن رايونىدا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى.

ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياۋا ئۆردەك، ئاققوتان، ئاق قۇ قاتارلىق ھەر خىل سۇ قۇشلىرى سۇ يۈزى بىلەن قوشۇلۇپ گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىم ھاسىل قىلغانىدى. سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سەيۋوپۇ كۆلى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىشقا چەك قويۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئىھاتە ئورمىنى تىكىش، سۇ باشلاپ كۆلنى تولدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە، سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ سۇ كۆلىمى 15.2 كىۋادرات كىلومېتىر ئەسلىگە كېلىپ، كۆلنىڭ ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە گوۋۇيۈەننىڭ «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۇ مۇھىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دەريا (كۆل)لارغا پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سانائەت توپلاشقان 84 رايوندا پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تولۇق تاماملاندى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن جەمئىي 111ى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بارلىق ناھىيە، شەھەر، بازارلار تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تولۇق قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ ھالىتىدە بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان، روشەن ئۆزگىرىش بولدى.

خوتەن قاشتېشى كۆپ چىقىدىغان يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كىشىلەر ئەمدى گۈرۈلدىگەن توپا قېزىش ماشىنىسى ۋە دەريا بويىدىكى شېغىل، قاشتېشى قازغاندىكى تاشلاندۇق ماتېرىياللاردىن بىئاراملىق ھېس قىلمايدىغان بولدى. خوتەن ۋىلايىتى دەريا يولىنىڭ ئىچى ھەمدە دەريا يولىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرىدىكى قۇم-شېغىل ماتېرىياللىرى مەيدانى ھەم ئەتراپتىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ۋە گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرىكى دەريا بويىنىڭ مۇھىتى ناچار بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، دەريانىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى.

سۇ ئەبەدىي سۈزۈك بولدى بەخت دەريا-كۆللىرى بەرپا قىلىندى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىدا ماڭغىنىڭىزدا، خۇددى جياڭنەندىكى سۇ يۇرتىغا بېرىپ قالغاندەك تەسىراتقا كېلىسىز، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھەممە يەردە گۈزەل مەنزىرە.

دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شۇ جاي سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، پۈتۈن رايون ساياھەت يىرىك پىلانىنى تېزدىن يولغا قويدى، بۈگۈنكى كۈندە دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىردىن ئىككىگىچە دەريا-كۆلنى تاللاپ بېكىتىپ، ساغلاملىق دەريا-كۆلى ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، پاكىز دەريا-كۆل، بىخەتەر دەريا-كۆل، يېشىل دەريا-كۆل، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان بەخت دەريا-كۆلىنى پائال بەرپا قىلدى.

سانجى شەھىرىدىكى كۆپ يىللار ئىلگىرى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار دېيىلىدىغان بىنخۇخې دەرياسى بۈگۈنكى كۈندە ۋەكىل خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، «بىنخۇخې دەرياسى ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرى كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىش، كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش ئۆستىڭى بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ھەم پاسكىنا سۇلىرى دەريا يولىنى توسۇۋالغاچقا، ھەممە يەر پاسكىنىچىلىققا تولۇپ، سانجى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسى ۋە شەھەر قىياپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنىدى» دېدى سانجى شەھىرى ئاھالىسى خې لىڭشۆ.

«سانجى شەھىرى دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىنخۇخې دەرياسنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دەريا مەنزىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەريانى تۈزەپلا قالماي، يەنە دەريا ئەتراپىنى شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىراھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇردى» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى دەريا(كۆل) باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ رۇڭ.

بىنخۇخې دەرياسىنىڭ قۇرۇلۇشى شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشىلاپلا قالماي، ئەتراپتىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولدى، دىنازاۋۇر سارىيى، سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بىنخۇخې دەرياسى مەركىزىي باغچىسى بىلەن بىرلىشىپ، مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولغان، سۇ مەنزىرىسى بىلەن ئادىمىيەت بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

كۆنچى دەرياسى بويىدا كىشىلەر بەخىرامان ھالدا مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىماقتا، ئىلى دەرياسى بويىدا ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا، قىش پەسلىدىكى ماناس دەرياسى ئاق قۇلارنىڭ ماكانىغا ئايلاندى... بەخت دەريا-كۆللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەككە دەريا يولىنى تۈزەشتىن ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە، قۇرۇلۇشنى تۈزەشتىن ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە، باسقۇچلۇق تۈزەشتىن دائىملىق تۈزەشكە، ھۆكۈمەت تۈزەشتىن ئومۇمىي خەلق تۈزەشكە ئۆتۈشنى تاماملاپ، دەريا-كۆل باشلىقى دەريانى باشقۇرۇش، كۆلنى تۈزەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.

ليۇ خۇڭشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈزۈك دەريا، پاكىز كۆللەر ئاساسىدا، يېشىل ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەربىر دەريا، ھەربىر كۆلنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىگە، ساغلاملىق دەريا-كۆلىگە، بەخت دەريا-كۆلىگە ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى