تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى تۈپتىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن ئەمەل قىلىنىدىغان باش پىرىنسىپ قىلىنىپ، مۇنداق كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنىڭ تۈپ ئاساسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقىنىڭ تۈپ ئاساسى. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ فۇنكسىيە تەقسىماتى جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشىغا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ تولۇق، مۇكەممەل بولۇشىغا، يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىر پۇختا، مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، بۇنىڭ ئىچىدە يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى. شۇنى تولۇق تونۇش كېرەككى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى. پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا قارىتا سىستېمىلىق پىلان تۈزۈپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم» «يېڭى قەدەم» «يېڭى يۈكسەكلىك» «يېڭى ئىلگىرىلەش» «يېڭى سەۋىيە» «يېڭى يۈكسىلىش»نىڭ يېپيېڭى يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئەينەن ئۆگىنىپ، بىرمۇبىر، بۆلەكمۇبۆلەك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇھىم نۇقتا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتەك ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، خىزمەت ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا پارتىيەمىز ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەۋزەللىك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك!» يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەننى چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاپالىق ئەجرىمىز بىلەن ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەك، بىز چوقۇم يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى