تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 110 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 110 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىدا «قوش تىزگىنلەش»نى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاشلىق دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇلى. تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى باش نىشان، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىش ئاساس قىلىنغان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» خاھىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمى، مۇھىم، زور قانۇن ئىجرا قىلىش قارارىنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش «دەل» بولۇش، تەلەپ «قاتتىق» بولۇش، ئۈنۈم «ياخشى» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە بولغان ۋاقىت خاراكتېرلىك، جەريان خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى