(2021- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش گۇمانى سادىر قىلغاچقا، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن: تۇرغان پىدانىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دائىمىي كومىتېت ئەزاسىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئەنگە ئېلىپ بېكىتىشىگە سۇنۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئېنېرگىيە(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، لىدىرى لى جيەنجۈننىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى.