(2021- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىنى 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىندا تەكلىپ قىلىنغان ئاساسلىق قارالمىلار: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14 - بەش يىل»لىق پىلان(لايىھە) ھەمدە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىش؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى.