تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 31-كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 31-كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ۋە ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» ماقۇللاندى؛ كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. تەييارلىق خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىتتىپاق، دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بىر يىغىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك بىلەن ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىشتە يەنىمۇ كۈچەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دەل جايىدا ئىگىلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە كۈچەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «تەكلىپ بېرىش» سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «مەخسۇس بولۇش» سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، «كېڭىشىش» خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۈچۈن يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسىپ جەھەتتە مەشىق قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇش، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل