تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن دەل جايىدا ئىگىلەيلى ۋە پائال ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن دەل جايىدا ئىگىلەش ۋە پائال ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرىدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان باسقۇچ بولۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى بىر قاتار يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇغانلىق، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئاڭلىق ئىگىلىگەنلىك بولۇپ، «14 - بەش يىل» ۋە كەلگۈسى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، يولىغا قارىتا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، مەۋقەنى ئۆزىمىزگە قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرساقلا، ئاندىن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز ۋە تەرەققىي قىلالايمىز. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان كۈچلۈك بوران - چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز، سىجىللىق كۈچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دەل جايىدا ئىگىلەش ئاساسىدا پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىدا. جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى داۋاملىق تاماملاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما - ھاسىلات مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىقنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «باشلامچى تاللاش» تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاھالە ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار قۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تارىخىي جەريانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسى ۋە مۇستەھكەم ئاساسىي گەۋدىنى ھازىرلاش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، خەلقئارا ئايلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەقسىملىنىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، دۆلىتىمىز كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادە ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرەت ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى ئوخشاشلا مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا پۇرسەت خىرىستىن چوڭ.» تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلساقلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى