تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىش.

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شەكلى، يولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلەرنى شەرھلىدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكلىنىدۇ. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى تەرەققىياتنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيىتى، مەغلۇبىيىتىنى تۈپتىن بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قارىتا نۇرغۇن مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە پىكىر يولىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تارىخي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە، پىروگرامما خاراكتېرىگە، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇ، دىرىژورلۇق تايىقى، قىزىل- يېشىل چىراغ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات پىكىر يولى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك يۆنىلىش. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشتا كۆپ تەرەپتىكى ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتىدە مەركەزلىك گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغاندا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

قانداق قىلغاندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ تەرەپتىن چوڭقۇر شەرھلىدى. بىرىنچى، تۈپ ئاساسىي مەقسەتتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش كېرەك. خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ زور ئىشەنچى. خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ھەم پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى». خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا بولغان تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلىشىش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە. ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، رايون پەرقى، شەھەر، يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىي قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، كۈلپەت ئېڭىدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىگىلەش كېرەك. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك. سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

«بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ.» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىشىنى، ماس بولۇشنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلىنىشىنى، يېشىل بولۇشنىڭ ئومۇمىي ھالەتكە ئايلىنىشىنى، ئوچۇق بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولغا ئايلىنىشىنى، ھەمبەھرە بولۇشنىڭ تۈپ مەقسەتكە ئايلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتسەك، بىز چوقۇم «14-بەش يىل» مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى