تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن بەرگەن كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھات، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو بەرگەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات(لايىھە)نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» (لايىھە)گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يوڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى، رەئىسلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر سىياسىي كېڭەشلىرىنىڭ رەئىسلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى