تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كۆپ تۈرلۈك قەرز پۇل كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 2020 - يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل مۇئامىلە كەسپىدە ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى، شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشتىكى قولايلىقلىق دەرىجىسى، قەرز پۇل ئېلىش بوسۇغىسى، قەرز پۇل ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، قەرز پۇل ئېلىشتىكى قولايلىقلىقى ئاشقان. 2020 - يىلى 4 - پەسىلدە، تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنلىق كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 1.8 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، قەرز پۇل ئېلىش قولايلىقلىقى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 9.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

2020 - يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت قاتارلىق كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن، بولۇپمۇ «ئومۇمىي مەنپەئەتدار كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتى» ۋە «ئومۇمىي مەنپەئەتدار كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىشىنى قوللاش سىياسىتى»دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تەرەققىيات ئىستىقبالى بار، ئەمما تىجارەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇلنى قارىغۇلارچە قايتۇرۇۋالماي، ئۈزۈپ قويماي، داۋاملىق قەرز بېرىش، قەرەلىنى ئۇزارتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمىنى ۋاقتىنچە پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رەنىلىك قەرز پۇل بوسۇغىسى تۆۋەنلىتىلىپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش سالمىقى زورايتىلغان. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن كارخانىلارنىڭ رەنىگە قويۇش، كېپىل بولۇش شەرتى كۆرسەتكۈچى سىجىل تۆۋەنلەش ئارىلىقىدا تۇرغان، 2020 - يىلى 4 - پەسىلدە %47 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ پۈتۈن يىلدا جەمئىي يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ %45.7ى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بولۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يېنىك مۈلۈك خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەدىتىگە ئېرىشىشى قىيىن بولۇشتەك قىيىن ئەھۋال ئۈنۈملۈك پەسەيتىلگەن. بۇلتۇر 9 - ئايدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دوستلۇق ياغاچچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 4 مىليون يۈەنلىك خام ماتېرىيال سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، بىراق رەنىگە قويىدىغان مۈلكى كەمچىل بولغان، شۇ جايدىكى يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارغا 4 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بەرگەن.

قەرز پۇل ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىگەن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىراجىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تەكشۈرۈلگەن كارخانىلار ئېرىشكەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %5.43 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.17 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ ئېرىشكەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %5.15 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.03 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كەتكەن خىراجەت 180 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %54.5 تۆۋەنلىگەن. فۇكاڭ شەھىرىدىكى خاۋجيامېي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىچىك تىپتىكى سودا شىركىتى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، دائىملىق مەبلەغ ئوبوروتىدا جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ، فۇكاڭ يېزا سودا بانكىسىدىن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلغان، بۇ بانكا كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، بۇ كارخانىغا 3 مىليون يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى