تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يېتەكلەش

بايان قىلغۇچى: شىنجاڭ جۇڭشىنچى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسى جوۋ چېڭچۈەن

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، بىز يېتىشتۈرۈپ زورايتقان شىنجاڭ لاۋلۇڭخې كالا، قوي بورداش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دۆلەتنىڭ 300 كۈچلۈك ئۈلگىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ خەۋەر ھەقىقەتەن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە: 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنى خاتىرجەم قىلدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، بىز تۆت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يېتەكلەپ، سۈپەتلىك يەم - خەشەك قىلىنىدىغان ئوت - چۆپ تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭى نەسىللەرنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، تاپىدىغان پۇلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل