تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئائىلە دوختۇرلىرى» ھەممە ئائىلىگە كىرىپ ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلدى

بۇرچىندا:

«ئائىلە دوختۇرلىرى» ھەممە ئائىلىگە كىرىپ ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كېلىشىم ئىمزالىغان دېھقان - چارۋىچىلارغا ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش كۈنى يەنە يېتىپ كەلدى، بۇرچىن ناھىيەسى ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى بۇلبۇلگۈل جىننىسقان ئەتىگەندىلا دورىلارنى تەييارلاپ، دوختۇر ساندۇقىنى يۈدۈپ يولغا چىقتى.

قىزىلتوغاي كەنتى ناھىيە بازىرىدىن 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 464 ئائىلىلىك، 1374 كىشى بار، كەنت داۋالاش ئۆيى كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىق داۋالىنىدىغان جاي. كەنتتە نوپۇس كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چارۋىچىلار يىل بويى سىرتتا يۈرىدىغان، پەسىلگە ئەگىشىپ يايلاق كۆچىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، شۇڭا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

2016 - يىلى، بۇرچىن ناھىيەسى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 67 كەنتتە نۇقتىدا سىناق قىلدى، يېزا - بازار، كەنت دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئورۇنلىرى مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش كوللېكتىپى قۇردى، ھەربىر كوللېكتىپ ئىككى - ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپتى. ئائىلە دوختۇرلىرى نامرات نوپۇسلار، ھەرىكىتى قولايسىز ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشىگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، يەنە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار، بالىلار، ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى.

نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، كەنتتىكى 955 كەنت ئاھالىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ئائىلە دوختۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلبۇلگۈل داۋالاش ئۆيىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىشىم ئىمزالىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرۈش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

«قان بېسىمىڭىز يەنىلا سەل يۇقىرىكەن، دورىنى ۋاقتىدا يەڭ، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ.» 77 ياشلىق ئاشقېن قويشىباي بوۋاينىڭ ئۆيىدە ئائىلە زىيارىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇلبۇلگۈل يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان تاختا كومپيۇتېرىنى ئېچىپ، زىيارەت ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزدى ۋە بوۋايغا دورا يېزىپ بەردى. «ھازىر دوختۇرلار ئۆيىمىزگە كېلىپ كېسەل كۆرىدۇ، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى» دېدى ئاشقېن.

ئائىلە دوختۇرى بىلەن «ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمەت كېلىشىمى» ئىمزالىغاندىن بۇيان، داۋالاش ئۆيى ئاشقېنغا ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ساغلاملىقىنى باھالاپ، ساغلاملىق پىلانى تۈزۈپ بېرىپلا قالماي، ئۇنى يەنە ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاشقېن بۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولدى، بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلمىدى. بۇرچىن ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كادىرى جاۋ يىنخۇا مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى خىزمىتىدە ئاساسلىقى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرىگە تايىنىپ، ئامما ھەقسىز ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرۈش، ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

«ئائىلە دوختۇرى تۈزۈمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.» جاۋ يىنخۇا مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلغاندا داۋالاش بايلىقىنى ئىمكانقەدەر تېجەپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەرقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، بۇرچىن ناھىيەسىدە 65 ئائىلە دوختۇرى كوللېكتىپى قۇرۇلدى، 233 تېببىي خادىم كېلىشىملىك مۇلازىمەتكە قاتنىشىپ، يان تېلېفون APPسى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئارقىلىق كىملىك سۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە ئىككى كارتا تۈزۈمى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش شەكلى ئارقىلىق ھەر يىلى كېلىشىم ئىمزالاپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئالاقە كارتىسى چاپلىدى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە 42 مىڭ 936 كىشى ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىكىلەر 20 مىڭ 725 كىشى بولۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىكىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %100كە، ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىكىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %43.67كە يەتتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بۇرچىن ناھىيەسى 389 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. «ھازىر كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، بىر گەۋدىلەشكەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، بالىلار بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش تارازىسى قاتارلىق ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرگەندە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر تولۇق، يەنە دىياگنوز قويۇش ئۆيى، كۆزىتىش ئۆيى، دورىخانا، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى» دېدى بۇلبۇلگۈل.

قىزىلتوغاي كەنتى داۋالاش ئۆيىنىڭ دورىخانىسىدا، جازىدىكى دورىلارنىڭ تۈرى 105 خىلغا يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىم دورىسىلا 20 خىل، قەنت كېسىلى دورىلىرى بەش خىل بولۇپ، كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئۆيىمۇ ناھىيە دەرىجىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. كەنت ئاھالىلىرى كەنتتە دورا سېتىۋالسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى تۈرلۈك ئاتچوت سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

جاۋ يىنخۇا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بۇرچىن ناھىيەسى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئائىلە دوختۇرلىرى كوللېكتىپىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، رېنتىگېن نەتىجىسىنى مەركەزلىك كۆرۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى يېقىن ئەتراپتا ئەلا مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى