تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەكلى كۆپ خىل بولۇش ئەمەلىي، چۈشىنىشلىك سۆزلەش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، بىز تاغدىن كۆچۈپ چىقىپ، كونا كېسەك ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق. قىشتا پار بار، ئۆيگە قايتىپ ھەر ۋاقىت يۇيۇنغىلى بولىدۇ، ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا بالىلارنى ئوقۇتالايمىز، كېسەل كۆرسىتەلەيمىز... ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ» دېدى 70تىن ئاشقان تۇردىخان تۇردى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا.

تۇردىخان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتو يېزىسى ئارىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. 2018 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناھىيە بازىرىغا ناھايىتى يېقىن بولغان باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − سىلۇ جيايۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىردى. ئاقتۇ ناھىيەسىدە تۇردىخان مومايغا ئوخشاش تاغدىن كۆچۈپ چىققان 1000دىن ئارتۇق ئائىلە بار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بۇنىڭ بىلەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى مول مەزمۇنلۇق رەڭدار لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

«لېكسىيە سۆزلىگۈچى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېدى. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، قىلىدىغانغا ئىشىمىز بار بولىدۇ، پۇل تاپالايمىز، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز.» تۇردىخان مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم ۋە ئۆزۈمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ناخشىغا قېتىپ، دائىم ئەتراپىمدىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن، مەن بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئەستە ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

تام يۈزى كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئايىشە مەمەت لېكسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ «يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن مەن نامرات ئاھالە ئىدىم، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىيلەشتى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ تېخنىكىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن».

قەمبەر قارى سىلۇ جيايۈەن مەھەللىسى ئەتراپىدا بىر ئاشخانا ئاچتى. ھازىرقى تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسا، قەمبەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدۇ: «لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ئېيتقان ياخشى سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولدۇق، مېنىڭ ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىمىم بار. كېيىنكى قەدەمدە، مەن كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلايمەن».

قىزىلتو يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئايزىمگۈل مەمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، يېزىمىز كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكسىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ تۈركۈمگە بۆلۈپ لېكسىيە سۆزلەش، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ «بىرگە بىر» لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھەربىر ئائىلىگە يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى