تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ

سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكى شىددەت بىلەن ئېشىپ، نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىدە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بازىسىدىن كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلارغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈپ، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنى مۇقىم ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يىللىق توك سېتىش مىقدارى 127 مىليارد 498 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.45 ئېشىپ، غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش بازىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى ھەم ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ئايلاندۇرۇش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى پۈتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

بازىلار كۆلەمگە ئىگە بولدى

1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار قۇرۇلۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋاتاتتى. بۇ كۆمۈر كان قومۇل شەھىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى نۇقتىلىق يانداش قۇرۇلۇش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش شارائىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 10 - ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كان قۇرۇلۇش تۈرىدە كۆمۈر، ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش ئەندىزىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 12 مىليون توننا قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قومۇلدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى يېقىلغۇ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا يەتكۈزۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قومۇل شەھىرى ئۆز جايىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر بازىسى، 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيە بازىسى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ئوت ئېلېكتىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سىرتقا توك يەتكۈزۈش بازىسىنى قۇردى، دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىمۇ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

قومۇل شەھىرىنى ۋەكىل قىلىپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇردى، ماخۇ نېفىتلىكى، جىمىسار زىچ نېفىتلىكى، شۇنبېي نېفىتلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك، گازلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى؛ شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەمدە سىرتقا توك يەتكۈزۈش مەنبەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى قۇردى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيە كەسپىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ: 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خام كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 2015 - يىلىدىكىدىن %58.8 ئاشتى؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 2015 - يىلىدىكىدىن %16 ئاشتى؛ پۈتۈن جەمئىيەت توك تارقىتىش مىقدارى 2015 - يىلىدىكىدىن %43.8 ئاشتى...

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيە ئومۇميۈزلۈك راۋاجلانغان ئېنېرگىيە سىستېمىسى شەكىللىنىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە سىستېمىسىدىكى مۇھىم ئورنى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

يول نەتىجە - ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈردى

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 18دە، شىنجاڭنىڭ 2020 - يىللىق «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارى 100 مىليارد 12 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، يىل ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئېشىپ، شىنجاڭغا 40 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پايدا ياراتتى.

2020 - يىلى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» توك مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل 2019 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرغان دۇنيا بويىچە ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدۇر. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى تۆت چوڭ يولنى شەكىللەندۈردى، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، ئېنېرگىيە بازىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش ۋە كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى.

2020 - يىلى 7 - ئايدا، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى 6 مىليون كىلوۋاتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈرۈشۈۋاتقان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىچىدە توك يەتكۈزۈش قۇۋۋىتى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشقا ئايلاندى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ توكىنى كەڭ كۆلەمدە سىرتقا يەتكۈزۈشنى پايدىلىق تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن يىللىق سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارىلا 43 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يىللىق كۆلىمىنىڭ %40ىنى ئىگىلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتىغا يەتكۈزۈلۈش بىلەن بىللە، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازمۇ قۇرۇقلۇق يولى، تۇرۇبا يولى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريولى تىرانسپورت كۈچىنى نۇقتىلىق كۆمۈر رايونلىرىغا مايىللاشتۇردى، شەرقىي جۇڭغار - شىخەنزە، جياڭجۈنمياۋ - ۋېيجياچۈەن، ئوقۇر بۇلاق - قەشقەر قاتارلىق كۆمۈر ئايلانما لىنىيە پويىزلىرى دائىملىق قاتنىدى، گەنسۇ «خېشى كارىدورى»، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق يۆنىلىشلەردە كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش سالمىقى زورايتىلىپ، شۇ جايدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ قىشلىق كۆمۈر تەمىناتى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئىزچىل تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تۇرۇبا يولى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى دۆلەت ئىچى بۆلىكىنىڭ غەربىي 2 -، 3 - لىنىيەسىدىكى «باشلامچى پونكىت» بولغان قورغاس گاز بېسىمى باش پونكىتى 2009 - يىلى 12 - ئايدا سودا خاراكتېرلىك تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كۈنلۈك يەتكۈزۈش مىقدارىنىڭ تارىخىي چوققا قىممىتى 163 مىليون ئۆلچەملىك كۇبقا يەتتى. ھازىرغا قەدەر، تۆۋەن ئېقىنغا يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گاز جەمئىي 342 مىليارد ئۆلچەملىك كۇبتىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 500 مىليون كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

قۇرۇلما تېخىمۇ ئەلالاشتى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىنجاڭ مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.

قانداق قىلىپ ئېنېرگىيە كەسپىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن مۇھىتنى قوغداشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى، ئادەتتىكىدىن باشقا نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى ھەمدە كۆمۈر بايلىقى قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 58 مىليون 586 مىڭ كىلوۋاتقا، سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 7 مىليون 108 مىڭ كىلوۋاتقا، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 23 مىليون 551 مىڭ كىلوۋاتقا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 12 مىليون 59 مىڭ كىلوۋاتقا، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش ۋە باشقا «يېشىل» گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 220 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% 43.4كە يەتتى.

2019 - يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015 - يىلىدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015 - يىلىدىكىدىن 5.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەككە قۇدۇق(كان)لارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 2015 - يىلىدىكى يىلىغا 280 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىشتىن يىلىغا 3 مىليون 90 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆستى.

بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسى، 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورى، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى