تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 60 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، 60 مىليارد يۈەنگە يېقىن قاتناش - تىرانسپورت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملاشنى مۆلچەرلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسىنى 6000 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول تۇتاشقان ناھىيە بازىرىدىن توققۇزى كۆپەيتىلىپ، 89غا يەتكۈزۈلىدىكەن، 5700 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىدىكەن، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىكەن. تۈر قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 67نى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 56، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر 11 ئىكەن. G7 ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق 25 تۈرنى تىرىشىپ پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلايدىكەن؛ G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر، S21 ئالتاي − ئۈرۈمچى قاتارلىق 31 تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدىكەن؛ G3003 ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى، G218 لىنىيەسى نارات − بالغۇنتاي قاتارلىق توققۇز تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلايدىكەن؛ يېزا تاشيولى ۋە يولۇچى - يۈك بېكەت - مەيدان تۈر قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولىدىكەن.

يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى يەنىلا مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نوپۇس كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ تەبىئىي كەنت(گۇرۇپپا)لەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن، شارائىت ھازىرلىغان يېزا - بازارلارغا 3 - دەرىجىلىك تاشيول، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە ئىككى ئاپتوموبىل يولىلىق يول تۇتاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك يولغا قويىدىكەن ھەم يېزا تاشيوللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولىدىكەن.

«قاتناش + ساياھەت»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇملۇق مەنزىرە يولىدىن ئىككىنى ياساش، ئىككى جايدا باش تېمىلىق خاس مۇلازىمەت رايونى بەرپا قىلىش؛ سەرخىل ساياھەت مەنزىرە يولى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يول قاتنىشىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش؛ بىر تۈركۈم يېزا - كەنت ساياھەت يولى، بايلىق يولى، كەسىپ يولىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يىراق ئارىلىققا يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 16 يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونىدا گاز قاچىلاش پونكىتى، توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى