تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەزەرىيەۋى لوگىكىسى، تارىخىي لوگىكىسى، رېئال لوگىكىسى بەلگىلىگەن. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يول تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىدا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا تونۇش پارتىيەمىزنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك مەركىزىي ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبىسى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، بىز ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بار. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر باسقۇچ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئون يىللىق جۇغلىنىش ئارقىلىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا چىققان بىر باسقۇچ. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى كۈتۈۋالغان يېڭى باسقۇچ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مول ماددىي ئاساسىغا ئىگە بولدۇق.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، كەلگۈسى 30 يىل بىز بۇ تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ.» جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى تۇرغۇن، ئۆزگەرمەس، بىر ئىزدا توختاپ ئىلگىرىلىمەيدىغان باسقۇچ ئەمەس، ئىستىخىيەلىك، پاسسىپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايمۇ تەبىئىي ھالدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدىغان باسقۇچمۇ ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتچان، پائال نەتىجە يارىتىدىغان، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جەريان، پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان، سۈپەتنىڭ، ھالقىشنىڭ، مىقدارنىڭ جۇغلىنىشىغا ۋە تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىدىغان جەريان. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنىڭ تەلىپى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادە ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرەت ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى ئوخشاشلا مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا پۇرسەت خىرىستىن چوڭ. «يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، بەلگىلەنگەن نىشانىمىزنى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى