تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 36- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 36 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 13 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە)، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار(لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى(لايىھە)، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى(لايىھە)، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش چارىسى ۋە گۇرۇپپا چاقىرغۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)، ھەر قېتىمقى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)، يىغىننىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) ۋە سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى(لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش 2020 - يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىگە يازمىچە قاراپ چىقىلدى، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 13 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ