تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «سوغۇق بايلىق»تىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، «ئىسسىق كەسىپ» بەرپا قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): 1-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ ئاتماستىلا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى ھاسا كەنتىدىكى دېھقان شېكى ئىبراھىم ئائىلىسىدىكى تۆت جان ئورنىدىن تۇرۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، ئوت يېقىپ، لەڭپۇڭ قىلىپ، شۇ كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى خۇاڭگۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا يايما يېيىشقا تەييارلىق قىلدى.

  سودىسى ھەققىدە توختالغاندا، شېكى ئىبراھىم خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمۇلماي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خوتۇنۇم يېقىن ئەتراپتىكى بازاردا لەڭپۇڭ سېتىپ، كۈنىگە 120 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلاتتى، ھازىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزنى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ يايما ئېچىشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ھازىر كۈنىگە 300 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز».

  تۇرسۇنشېكى مەمەت ھاسا كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ يايما ئېچىشقا سەپەرۋەر قىلغاندا، ئۇنىڭ بارغۇسى كەلمىدى، ئۇ يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە:«مەن ئۇ يەردە سودا بولىدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن، قىش بەك سوغۇق، ھېچكىم سىرتقا چىقىشنى خالىمايدۇ» دېدى.

  كېيىنكى كۈنلەردە، خۇاڭگۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇرسۇنشېكى مەمەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ يايما ئاچقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ھەم قوللاشقا ئېرىشتى. ھازىر، تۇرسۇنشېكى مەمەتنىڭ كاۋاپ، مالاتاڭ يايما ئورنى كۈنىگە مۇقىم 200 يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالالايدۇ، ئۇ ئۇچرىغانلا كىشىگە:«خىزمەت ئەترىتى ياخشى، ھەمىشە بىزنىڭ پۇل تېپىش يولى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ» دەيدىغان بولدى.

  ئابدۇدەيكې توختى ھاسا كەنتىدىكى «ساياھەت تامىقى»نى ئەڭ بالدۇر يېگەن كەنت ئاھالىسىنىڭ بىرى، بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىدا، خۇاڭگۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ  تۇتۇپ مەنزىرە رايونىدا بېلىق سېتىپ، بىر ھەپتىدىلا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. بۇ يىل مەنزىرە رايونى قار-مۇز ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇنىڭ كىرىمى يەنە ئاشتى.

  ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى شەھەردىكى ياش ئىشلەمچىلەرنى كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

  ئەنۋەر نەمەت ئەسلىدە ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىدە ئاشپەزلىك قىلاتتى، ئۇ خۇاڭگۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىغا تايىنىپ مەنزىرە رايونىدا يايما ئېچىپ تونۇر كاۋىپى، سامسا، چەينەك شورپىسى قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى سېتىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى، ھازىر ئۇنىڭ يايما ئورنى «ۋاڭخۇڭ داكا جاي»غا ئايلاندى.

  «2021-يىلى بىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ھەممە كەسىپنى گۈللەندۈرۈش شەرق شامىلىغا ئەگىشىپ، ساياھەت بايلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ھاسا كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ يۈ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش ئارقىلىق مەنزىرە رايونلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، قىش پەسلىدە ئىگىلىك تىكلەش ئىش ئورنىدىن 25ىنى يارىتىپ، قىيىنچىلىقى بار 12 ئائىلىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىدىن جەمئىي 10دىن ئارتۇقنى ئاچقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى